«CNN» ئاق ساراي ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى

ئامېرىكىنىڭ «CNN» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئاق ساراي مۇخبىرى جىم ئاكوستانىڭ مۇخبىرلىق كېنىشكىسىنىڭ توڭلىتىپ قويۇلىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ھۆكۈتىگە تەۋە بەزى مەسئۇللار ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇلدى.

«CNN» ئاق ساراي ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ ھەقتە «CNN» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاق ساراي دائىرىلىرىنىڭ جىم ئاكوستانىڭ مۇخبىرلىق كېنىشكىسىنى توڭلىتىپ قويۇشىنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنىڭ 1 - ماددىسى ۋە 5ماددىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

جىم ئاكوستا بىلەن «CNN» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بىرلىكتە دونالد ترامپ، ئاق ساراي باش كاتىپى جون كېللىي، ئاخبارات ئىشخانىسى باياناتچىسى ساراھ ساندېرس، مۇئاۋىن باش كاتىب بىل شاين، مەخپىي خىزمەتلەر ئىشخانىسى دىرىكتورى شۇنداقلا جىم ئاكوستانىڭ ئاق سارايغا كېرىشىگە جىسمانىي جەھەتتىن توسالغۇلۇق قىلغان مەخپىي خىزمەتلەر مەمۇرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، «<CNN> تۈنۈگۈن ئەتىگەندە پايتەخت ۋاشىنگىتوندىكى سوت مەھكىسىدە، ترامپ ھۆكۈمىتىگە قارشى دېلو مەلۇم قىلدى. دېلو ئارقىلىق <CNN> قانىلى باش مۇخبىرى جىم ئاكوستانىڭ مۇخبىرلىق كېنىشكىسىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلەب قىلىنىدۇ. ئاقسراينىڭ قارارى، <CNN> قانىلى ۋە جىم ئاكوستانىڭ دۆلەت ئاساسى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن 1ۋە 5 ماددىلىرىكى ھەق ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىدۇر» دېيىلدى. 

ئامېرىكا دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنىڭ 1ماددىسى پىكىر ۋە ئىپادە ئەركىنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. 5ماددىسى بولسا، كىشىلەرنىڭ سۆز قىلماسلىق ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

ئاق سارايدا، پالاتا سايلىمىدىن كېيىن چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جىم ئاكوستا بىلەن ترامپ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن يېرىكچىلىك سەۋەبىدىن مەزكۇر قارارنىڭ ماقۇللىنىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ترامپ بىلەن ئاكوستا ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن يېرىكچىلىكتىن كېيىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ: «<CNN> سېنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن نۇمۇس قىلىشى لازىم. قوپال ۋە ناچار بىر ئىنسان ئىكەنسەن. سەندەك ئادەملەر <CNN> دە ئىشلىمەسلىكى كېرەك. سېنىڭ ساراھقا تۇتقان پوزىتسىيەڭ ناچار، باشقا ئىنسانلارغا تۇتقان پوزىتسىيەڭمۇ ناچار. سەن ئىنسانلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلساڭ بولمايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر