يەمەن ھۆكۈمىتى خۇسىيلارنى ئاگاھلاندۇردى

يەمەن ھۆكۈمىتى خۇسىيلارنى ئاگاھلاندۇرۈپ، قىزىل دېڭىزنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بابۇل مەندەب بوغۇزىدىكى خەلقئارا تىجارەتنى ھۇجۇم نىشانى قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يەمەن ھۆكۈمىتى خۇسىيلارنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ھۆكۈمىتى باياناتچىسى راجىھ بادى: «خۇسىيلار ئېغىر يوقۇتۇشقا دۇچار بولغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە تېررورلۇق پىلانلىرىنى ئىشقا سېلىشنى باشلىدى. خۇسىيلار ھۇدەيبەنىڭ شىمالىدىكى راس ئىسا پورتىدا 1 مىليون ۋارىلدىن كۆپرەك خام نېفىت قاچىلانغان يۈك پاراخوتىنى ۋە تىرانسپورت لېنىيەلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقچى بولىۋاتىدۇ» دېدى.

راجىھ بادى سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش ئارمىيەگە تەۋە بىرلەشمە قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق يەمەن قىسىملىرىنىڭ ھۇدەيبەدىكى ئىلگىرىلەشلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، شەھەر بىلەن پورتنىڭ خۇسىيلاردىن قۇتۇلدۇرۇلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، كېرەكلىك يارىدەم بويۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈلىشى ۋە خەلقنىڭ قېيىنچىلىقلىرىنىڭ ھەل قىلىپ بېرىلىشىنىڭ ھەم ئىنسانىي ھەم ھەربىي مۇجبۇرىيەتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

راجىھ بادى ھۇدەيبە ۋە باشقا بارلىق شەھەرلەردە، شەھەر ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا ۋە ئىقتىسادقا قارىتىلغان ۋەيران قىلغۇچ تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرىگە خۇسىيلارنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

يەمەن ھۆكۈمىتى قىسىملىرى ھۇدەيبە شەھىرى ۋە پورتىنى خۇسىيلاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 13ئىيۇندا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىملارنىڭ قوللىشى بىلەن ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان ئىدى.

ئىتتىپاقداش قىسىملارمۇ 17سىنتەبىردە ھۇدەيبە شەھىرىنى خۇسىيلاردىن تازىلاش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەت باشلىغان ئىدى. 

ھۇدەيبە پورتى زور ئىنسانىي كىرىزىسكە دۇچ كەلگەن يەمەنگە سىرتتىن ياردەملەرنى يەتكۈزۈشتە ئىنتابىم مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر