ئازەزدە پارتلاش يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئازەز شەھەر مەركىزىدىكى بىر مەكتەپتە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

ئازەزدە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئازەز شەھەر مەركىزىدىكى ئەلئەندەلۇس مەكتىپىگە يېقىن جايدا بىر ئاپتوموبىل بومبا پارتلاپ 7 بالا يارىلاندى، ۋەقەدە مەكتەپنىڭ بەزى ئەينەكلىرى سۇنۇپ كەتتى، بىخەتەرلىك تېمى يىقىلدى.

پارتلاش ئەسناسىدا بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى سىرتتا بولغانلىقى ئۈچۈن، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈشنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولدى. شىددەتلىك پارتلاشتا سۇنغان ئەينەك پارچىلىرى سىنىپلاردىكى 7 ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى، يارىلانغان ئوقۇغۇچىلار بالىنىستقا ئېلىندى.

ئازەزدە بۈگۈن چۈشتىمۇ بىر ئاپتوموبىل بومبا پارتلىغان، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنىدى.

ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر تەرەپنىڭ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر