ئاۋستېرىيە جەمال قاشىقجى دېلوسىنىڭ ئىنچىكە، تەرەپسىز تەكشۈرۈلىشىنى تەلەپ قىلدى

ئاۋستىرىيە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى دېلوسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، ئىنچىكە، ئىشەنچلىك ۋە تەرەپسىز بىر شەكىلدە تەكشۈرۈلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلدى.

ئاۋستېرىيە جەمال قاشىقجى دېلوسىنىڭ ئىنچىكە، تەرەپسىز تەكشۈرۈلىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شۇنداقلا ياۋروپا ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرى كارىن كىنېسسىل 2ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسى ئۈستىدە توختىلىپ، «ھەم بىز، ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەقەنىڭ كەڭ دائىرىلىك، ئىنچىكە، ئىشەنچلىك ۋە تەرەپسىز بىر شەكىلدە تەكشۈرۈلىشىنى خالايمىز» دېدى.

 كارىن كىنېسسىل سلوۋىنىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىروسلاۋ جەرار بىلەن پايتەخت ۋىيانادا كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

كارىن كىنېسسىل سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ھەم بىز، ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەقەنىڭ كەڭ دائىرىلىك، ئىنچىكە ئىشەنچلىك ۋە تەرەپسىز بىر شەكىلدە تەكشۈرۈلىشىنى خالايمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر