ترامپ نانسى پېلوسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، نانسى پېلوسىنىڭ ئاۋام پالاتانىڭ باياناتچىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپ نانسى پېلوسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، دېموكراتلار قانىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كىشىلىرىنىڭ بىرى بولغان نانسى پېلوسىنىڭ ئاۋام پالاتانىڭ باياناتچىسى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، زۆرۈر تېپىلسا، ئۇنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باياناتچىلىق ۋەزىپىسىگە ئاۋام پالاتانىڭ دېموكرات ئەزاسى نانسى پېلوسىنىڭ سايلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دەپ يازدى: «ئادىل بولۇشقا توغرا كەلسە، نانسى پېلوسى دېموكراتلار پارتىيەسى تەرىپىدىن ئاۋام پالاتا باياناتچىلىقىغا سايلىنىشقا لايىقتۇر. ئەگەر دېموكراتلار قىينىلىپ قالسا، ئۇنى جۇمھۇرىيەتچى ئاۋازلار ئارقىلىق قوللىساق بولىدۇ، ئۇ لايىق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

نانسى پېلوسى سايلامدىن ئىلگىرى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلارنىڭ رەھبىرى ئورنىدا ئىدى.

دېموكراتلارنىڭ باياناتچىسى بولۇشقا لايىق ئەك كۈچلۈك كىشى سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىققان پېلوسى، ترامپنى ئېغىر ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن تونۇلغان بىرىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر