تاجىكىستاندىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان چىقىپ 27 ئادەم ئۆلدى

تاجىكىستاننىڭ خۇجەنت شەھىرىدىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان چىقىپ، ئىككى خەۋپسىزلىك خادىمى بىلەن 25 مەھبۇس جېنىدىن ئايرىلدى.

تاجىكىستاندىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان چىقىپ 27 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاجىكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇجەنتتىكى دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئىككىن تۈرمىسىدە تۈنۈگۈن كېچە ئىسيان كۆتۈرۈلگەن، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ قوراللىرىنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغان مەھبۇسلارنىڭ ئەتراپنى ئوققا تۇتۇشى نەتىجىسىدە ئىككى خەۋپسىزلىك خادىمى بىلەن 25 مەھبۇس جېنىدىن ئايرىلغان.

ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىنىڭ ئىسياننى باستۇرغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ئورتاقلاشقان ئالاقىدار خادىملار، ئىسياننىڭ دائېش ئەزاسى مەھبۇسلار تەرىپىدىن كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر