سۇدان تېررورلۇققا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىلامدۇ؟

ئامېرىكىنىڭ سۇداننى تېررورلۇققا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى باياناتى سۇدان تەرىپىدىن خوشاللىق بىلەن قارشى ئېلىندى.

1084050
سۇدان تېررورلۇققا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىلامدۇ؟

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكىنىڭ سۇداننى تېررورلۇققا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىشقا ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىگە دائىر باياناتىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، سۇداننىڭ كۆزلەنگەن نىشانلارغا يېتەلىشى ئۈچۈن ئىككىنچى باسقۇچقا تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سۇداننى تېررورلۇققا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېدېر نۇئېرت، بۇ تېمىدا ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون سۇللىۋان بىلەن سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەد دەردىرى مۇھەممەد ئەھمەدنىڭ ۋاشىنگىتوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككىنچى باسقۇچلۇق پىلاننى مۇزاكىرلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ھېدېر نۇئېرت سۇداننىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىق دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى، دىن ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىدىن باشقا يەنە، ئىنسانپەرۋەرلىك يارىدەملەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ توختىتىلىشى ۋە تىنچلىق باسقۇچنىڭ ئىلگىرىلىتىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق مۇھىت ھازىرلاش شۇنداقلا شىمالىي كورېيەگە مۇناسىۋەتلىك ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا رىئايە قىلىش... قاتارلىق تېمىلاردا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ھېدېر نۇئېرت باياناتىدا، «بۇ ئىلگىرىلەشلەرنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە سۇدان ئوخشاش شەكىلدە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، ئىككىنچى باسقۇچ ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 6 ئاساسلىق مەسىلىنى مۇزاكىرىلىشىش ۋە ھەل قىلىش جەھەتتە نەتىجە كۆرۈلسە، ئامېرىكا سوداننى تېررورلۇققا ياردەم بەرگەن دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشكە تەييار» دېگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر