شىمالىي كورېيە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى

شىمالىي كورېيە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن شىمالىي كورېيەلىك يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارنىڭ بۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىۋاتقان ئۇچرىشىشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

شىمالىي كورېيە ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاڭ كيۇڭۋا، پىيوڭياڭ دائىرىلىرىنىڭ ۋاشىنگتونغا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى، بىراق ئۇ، نيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان مەزكۇر ئۇچرىشىشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش سەۋەبى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، مايك پومپېيو بىلەن شىمالىي كورېيە مەركىزىي كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى كىم يوڭچولنىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ ۋاقىتىنىڭ قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ ئالدىراشچىلىقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى روبېرت پاللادىنو، ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىنىڭ ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە تۈپەيلى چىقىرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن شىمالىي كورېيە مەركىزىي كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى كىم يوڭچولنىڭ بۈگۈن نيۇ يوركتا كۆرۈشۈشى پىلانلىنىۋاتاتتى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن ئىيۇن ئېيىدا سىنگاپوردا ئۇچرىشىپ، كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدا كېلىشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر