ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئىران ئېمبارگوسى بۈگۈندىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

ئامېرىكىنىڭ ئىران ئېمبارگولىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى تۈركىيە ۋاقتى بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 08:00 دە ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى.

ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئىران ئېمبارگوسى بۈگۈندىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن بىر تەرەپلىمە ھالدا چېكىنگەندىن كېيىن  ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان <ئېنېرگىيە، مالىيە> قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئېمبارگولارنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى تۈركىيە ۋاقتى بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 08:00 دە ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى.

ترامپنىڭ ماي ئېيىدا، 2015 – يىلى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئىرانغا 90 ۋە 180 كۈنلۈك بولۇپ ئىككى باسقۇچلۇق ئېمبارگولارنىڭ قايتىدىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان؛ بۇ دائىرىدە ئارىدىن 90 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 7 - ئاۋغۇستتا ئېمبارگولارنىڭ بىرىنچى باسقۇچى ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغانىدى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېرىلگەن 180 كۈنلۈك مۆھلەتنىڭ توشۇشى بىلەن، ئىككى باسقۇچلۇق ئېمبارگولار بۈگۈن تۈركىيە ۋاقتى سائەت 08:00 دە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئېمبارگولار 6 ماددىدىن تەشكىل تاپىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئىراننىڭ پورت ساھەسى خىزمەتلىرى، كېمەسازلىق ۋە پاراخوت ياساش ساھەلىرى قاتارلىقلار ئورۇن ئالىدۇ. ئېمبارگولار ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى كېمىسازلىق لىنىيەلىرى، جەنۇب كېمىسازلىق لىنىيەسى دېگەندەك شىركەتلەرنى ۋە بۇلارغا چېتىشلىق ئورگانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئېمبارگولىرىنىڭ ئىككىنچى ماددىسىنى بولسا، نېفىتقا ئالاقىدار ساھەلەر تەشكىل قىلىدۇ؛ ئىران دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ۋە مىللىي نېفىت يۆتكەش شىركىتىگە ئوخشاش ئورۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئېمبارگولار، ئىراندىن نېفىت، نېفىت مەھسۇلاتلىرى ياكى نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشقا دۇنيا مىقياسىدا چەكلىمە قويىدۇ.

ئېمبارگولارنىڭ يەنە بىر نىشانى، چەت ئەل مالىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىران مەركىزىي بانكىسى ۋە ئىراندىكى بەزى مالىيە ئورگانلىرى بىلەن قىلىدىغان خىزمەت ئالاقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئېمبارگولارنىڭ 5- ۋە 6 – ماددىلىرىدا، ياراشتۇرغۇچىلىق ۋە سۇغۇرتا شىركەتلىرى بىلەن ئىران ئېنېرگىيە ساھەسىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەر ئورۇن ئالىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىن ئالدىنقى كۈنى بايانات بېرىپ، بۈگۈن ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان ئېمبارگولار دائىرىسىدە ئىراندىكى 700 دىن ئارتۇق كىشى ۋە ئورۇننىڭ قارا تىزىملىككە ئىلاۋە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇ جەرياندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ، ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايتقان، بىراق نۆلگە چۈشۈرمىگەن 8 دۆلەتكە ۋاقىتلىق نېفىت ئىمپورتى سالاھىيىتى بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ 5 – نويابىر دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ دائىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگولاردىن كەچۈرۈم قىلىنمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر