تۈركىيە – مولداۋىيە مۇناسىۋەتلىرى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونىغا قىلغان زىيارىتى ۋە تۈركىيە – مولداۋىيە مۇناسىۋەتلىرى.

تۈركىيە – مولداۋىيە مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە – مولداۋىيە مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىندا مولداۋىيە ۋە مولداۋىيە تېرروتېرىيەسىدىكى گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ زىيارىتى ۋە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.  

يېقىندا مولداۋىيەنىڭ تۈرك ئېلى بولغان گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونى تارىخىي بىر زىيارەتكە ساھىبخانىلىق قىلدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىنقى 19 يىل ئىچىدە مولداۋىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان تۇنجى جۇمھۇر رەئىس سۈپىتىدە زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىنى گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونىغا ئاجراتتى.

ئەردوغان 2018 – يىلى 18 – ئۆكتەبىر كۈنى مولداۋىيە پىرېزىدېنتى ئىگور دودون بىلەن بىرلىكتە گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى كومراتقا باردى. دودون بىلەن بىرلىكتە تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن چۈشۈشىدە گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىرىنا ۋلاھ تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان ئەردوغاننى گاگاۋۇزىيە تۈركلىرى تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا قىزغىن قارشى ئالدى ھەم سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلدى.

شەھەردىكى پىروگراممىسى دائىرىسىدە ئىجرائىيە ھەيئىتى بىناسىغا ئۆتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ يەردە دودون ۋە ۋىلاھ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە لايىھەلەرنى مۇراسىم ئارقىلىق ئىشقا كىرىشتۈردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بەرگەن سىگناللىرى ۋە ئېلان قىلغان يېڭى لايىھەلىرى بىلەنمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇغراپىيەسىنىڭ كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ دۆلىتىدە تۈركىيەنىڭ قۇدرەتلىك كۈچ سۈپىتىدە مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغاننىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى كومراتتا تۈركىيە تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان بالىلار تەلىم - تەربىيە مەركىزى، دوختۇرخانا ۋە بالىلار يېسلىسى، تامامەن يېڭىلانغان مەدەنىيەت مەركىزى، گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى دەپ ئاتالغان «چادىر لۇنگا» دا ياشانغانلار ساناتورىيەسىنىڭ ئېچىلىشىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

ۋۇلكانېسشتنىڭ سۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى لايىھەسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنىمۇ كومراتتىكى نۇتىقىدا ئەردوغان بىۋاسىتە ئۇقتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كېلەر يىلى كومراتتا ناھايىتى چوڭ تەلىم - تەربىيە مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەردوغان تەرىپىدىن بېرىلگەن يەنە بىر مۇھىم مەلۇمات بولسا، كومراتتا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيە باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

ئەردوغان زىيارىتىگە چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە تەييارلانغان خىرىستىيان تۈرك مىللىتى بولغان گاگاۋۇزلارغا مۇھىم سىگناللارنى بەردى. بۇ سىگناللارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دىققەت قوزغايدىغىنى، ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئالمىلنىڭ، ئۆز ئانا تىلنى قوغداش ۋە بىر گەۋدىلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار سىگنال ئىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گاگاۋۇزلارنى ئۆز دۆلىتى مولداۋىيەنىڭ رەسمىي تىلىنى پىششىق ئۆگىنىشى ۋە ئىشلىتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆز ئانا تىللىرىغا ساھىب چىقىشقا چاقىردى.

تولىمۇ ئەپسۇسكى، گاگاۋۇز تۈركچىسىنى ئىشلىتىشكە ئالاقىدار ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئەھۋال باردۇر. چۈنكى تۈركىيەنىڭ سەمىمىي تىرىشچانلىقلىرى ۋە كەڭ دائىرىلىك ئىقتىسادىي ياردىمىگە قارىماي، گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونى دېگۈدەك ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىشەلمەيدىغان بىر رايونغا ئايلىنىپ قالدى.

گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونى ئۈچ رەسمىي تىللىق بىر رايوندۇر. 1995 – يىلى قوبۇل قىلىنغان قانۇنغا ئاساسەن، گاگاۋۇز تۈركچىسى، مولداۋىيەچە، رۇسچە  گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ رەسمىي تىللىرى ھېسابلىنىدۇ.

نوپۇسىنىڭ % 82 تى گاگاۋۇز تۈركلىرىدىن تەشكىل تاپىدىغان رايوندا رۇسچە ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ شەھەرلەردە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ. يېزا – قىشلاقلار ئانا تىل جەھەتتىن بىرقەدەر ياخشى ۋەزىيەتتە، ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار گاگاۋۇز تۈركچىسىنە بىلسىمۇ، لېكىن، بالىلار ۋە ياشلار ئۆز ئانا تىلىنى ھېچ بىلمەيدۇ، ياكى ناھايىتى ئاز بىلىدۇ.

گاگاۋۇز تۈركچىسى پەقەت ناخشىلاردا، مەسەللەردە، چوڭلار بىلەن سۆزلەشكەندە ۋە تۈركىيەنىڭ ياردىمى بىلەن مۇلازىمەت قىلىۋاتقان بىرقانچە كىچىك ئاخبارات ئورگىنىدىلا ئىشلىتىلمەكتە، خالاس.

تۈركىيە 1991 – يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان مولداۋىيە جۇمھۇرىيىتىنى 1991 – يىلى دېكابىردا ئېتىراپ قىلدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 1992 – يىلى 3 – فېۋرال كۈنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى.

تۈركىيەنىڭ مولداۋىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانۇنىي ئاساسى ھېسابلىنىدىغان «دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى» 9 – جۇمھۇر رەئىس سۇلايمان دەمىرەلنىڭ 1994 – يىلى 2 – 3 – ئىيۇن كۈنلىرى مولداۋىيەگە قىلغان زىيارىتى جەريانىدا ئىمزالاندى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «ئۆزئارا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى بىكار قىلىش كېلىشىمى» 2012 – يىلى نويابىردا ئىمزالاندى.

يېقىندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بارغانسېرى مۇستەھكەملەنمەكتە. بۇ دائىرىدە كۆپلىگەن ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر زىيارەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

2016 – يىللىق ئىستاتىسكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ مولداۋىيەگە قارىتا ئېكسپورتى 189 مىليون دوللار، مولداۋىيەدىن قىلغان ئىمپورتى بولسا 124 مىليون دوللار بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 313 مىليون دوللارغا يەتكەن.

تۈركىيە بىلەن مولداۋىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «ئەركىن سودا كېلىشىمى» 2016 – يىلى 1 – نويابىر كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

تۈركىيە گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونىغا خالىسانە ياردەم بېرىۋاتقان بىردىنبىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋال، رايونغا ئازدۇر – كۆپتۇر كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەر بىر كىشىگە ئايان، ئەلۋەتتە.

تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىيىنچىلىقلىرىدىن بىرى بولغان ئىچىملىك سۇ مەسىلىسى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ياردەملىرى ئارقىلىق ھەل قىلىندى.

گاگاۋۇزىيە رادىيو – تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى مۇستەھكەملەشتىن ئاتاتۈرك كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغىچە، كومرات ئۇنىۋېرسىتېتىغا ياردەم بېرىشتىن ياشانغانلار ساناتورىىيەسىگە، خەلق مەجلىسى بىناسى، تەنتەربىيە زاللىرى ۋە دوختۇرخانىلارنىڭ رېمونت قىلىنىشىدىن بالىلار يەسلىلىرى ھەم مەكتەپلەرنىڭ سېلىنىشىغىچە يۈزلەرچە لايىھە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

تۈركىيە ئەنە شۇنداق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى بېرىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ ياكى مولداۋىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قەتئىي ئارىلاشقىنى يوق. ئەكسىچە، رايوندا مۇقىملىق ئاكتىيورى سۈپىتىدە ئاكتىپ رول ئوينىماقتا.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كومراتتا بەرگەن تۆۋەندىكى باياناتىنىمۇ بۇ دائىرىدە ئانالىز قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ: «مولداۋىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

تۈركىيە ۇسىيە بىلەن غەربنىڭ مولداۋىيە مەسىلىسىدە نوپۇز تالىشىش رىقابىتىدە گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ كوزېرغا ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. مولداۋىيەمۇ تۈركىيەنىڭ گاگاۋۇزىيە ئاپتونوم رايونىدىكى نوپۇزىنى «مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى» دەپ قارىماقتا.

بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گاگاۋۇزلارنىڭ مولداۋىيە بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنى ۋە پۈتۈنلۈشىشىنى ھەمىشە تەكىتلىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنى، ھەم ئۆز ئانا تىللىرىنى ئۇنتۇپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن گاگاۋۇزلارغا قارىتا، ھەم مولداۋىيەدىكى رۇمىنىيە بىلەن بىرلىشىش تەرەپدارلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ غەربلىك قوللىغۇچىلىرىغا قارىتا، ھەمدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇغراپىيەسىدىكى نوپۇز رىقابىتىدە ھەرقانداق بىر تەدبىرنى ئىشلىتىشتىن قىلچە ئايانمايدىغان رۇسىيەگە قارىتا بېرىلگەن سىگنال، دېيىش مۇمكىن.

يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ زىيارەت بىزگە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رايون بىلەن قويۇق ئالاقىسى ۋە كەسكىن پوزىتسىيەسى، ياۋروپا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا قاپسىلىپ قالغان خىرىستىيان تۈركلەر ئۈچۈن چىقىش يولى ھېسابلىنىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە گاگاۋۇز تۈركلىرىگە بېرىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى كېسىپ ئېيتالايمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر