ياپونىيە « فېيىسبۇك»نى ئاگاھلاندۇردى

ياپونىيە دائىرىلىرى « فېيىسبۇك»نى شەخسىي ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى

1073196
ياپونىيە « فېيىسبۇك»نى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە شەخسىي ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى قوغداش كومىتېتى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ تور بېتى « فېيىسبۇك»نى شەخسىي ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى.

ياپونىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى كىيوتونىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەتكە قاراشلىق شەخسىي ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى قوغداش كومىتېتى، « فېيىسبۇك»نى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇچۇر-مەلۇمات ئانالىز شىركىتى « Cambridge Analytica » نىڭ 87 مىليون ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنى رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ ئىشلىتىشىگە سەۋەب بولغان بىخەتەرلىك جەھەتتىكى كەمچىلىكلىرى تۈپەيلى ئاگاھلاندۇرغان.

كومىتېت « فېيىسبۇك»نىڭ شەخسىي ئۇچۇر-مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنى بۇ ھەقتە ۋاقىپلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

كومىتېت يەنە 100مىڭغا يېقىن ياپون ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ قولغا چۈشۈپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرلىقىنى ئەسكەرتتى.

كومىتېت « فېيىسبۇك»تىن، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق مەسىلىلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشنى، ئىشلەتكۈچىلەرنى بىخەتەرلىك جەھەتتە ۋاقىپلاندۇرۇشنى ۋە مەسىلە پەيدا قىلىدىغان ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى.

كومىتېت ئۆتكەن ئاي 29 مىليون ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇچۇر-مەلۇماتلىرىنىڭ ئوغرىلىنىشىغا سەۋەب بولغان بىخەتەرلىك تورى مەسىلىسى توغرۇلۇق شىركەتتىن ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

بۇ يىل ئاپرېلدا لوندون مەركەزلىك « Cambridge Analytica » ناملىق ئۇچۇر-ئالاقە ئانالىز شىركىتىنىڭ، 87 مىليون « فېيىسبۇك» ئىشلەتكۈچىسىنىڭ ئادرېسلىرىدىن رۇخسەتسىز يىغقان ئۇچۇر-مەلۇماتلاردىن، ئامېرىكادا 2016-يىلى نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرى بىلەن ئەنگلىيەدە 2016-يىلى ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن راي سىناشقا تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن پايدىلانغانلىقى توغرىسىدا پەيدا بولغان تالاش-تارتىشلار، خەلقئارادا كىرىزىس پەيدا قىلغانىدى.

ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى ئالاقىدار ئورۇنلار « فېيىسبۇك» ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا،  « فېيىسبۇك»نىڭ پايچىك قىممىتى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كەتكەنىدى.


خەتكۈچ: #facebook

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر