ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئىمزالانغان يادرو كۈچى كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ۋاشىنگتوننىڭ رۇسىيە بىلەن ئىمزالانغان «ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كۈچى كېلىشىمى» دىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن ئىمزالانغان يادرو كۈچى كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپنېۋادا ئىشتاتىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، رۇسىيەنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھالدا، «يىللاردىن بۇيان خىلاپلىق قىلىپ كەلمەكتە ئىدى، ۋە (ئالدىنقى) پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ بۇ مەسىلىنى نېمىشقا مۇزاكىرە قىلمىغانلىقىنى ياكى نېمىشقا كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقمىغانلىقىنى بىلمەيمەن» دېدى.

ئۇ، رۇسىيەنىڭ بىر يادرو كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشىغا ۋە ئامېرىكا مۇۋاپىق كۆرمەيدىغان قوراللارنى ئىشلەپچىقىرىشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، «بىز كېلىشىمگە رىئايە قىلغان تەرەپ بولدۇق ۋە كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلدۇق، بىراق رۇسىيە – ئەپسۇسكى – بۇ كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرىمىز، كېلىشىمدىن چېكىنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ، رۇسىيە بىلەن خىتاي يېڭى بىر كېلىشىم بىلەن كەلمىگەن تەقدىردە، ئامېرىكىنىڭ ئۆز قورالىنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ، ياۋروپا ۋە يىراق شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشنى نىشان قىلغان ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو كۈچى كېلىشىمى، 1987 – يىلى ۋاشىنگتوندا ئىمزالانغانىدى.

كېلىشىم، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېتىپ بېرىش مۇساپىسى 300 مىل بىلەن 3400 مىل ئارىلىقىدىكى قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋېلىشىنى، ئىشلەپچىقىرىشىنى ياكى سىناق قىلىشىنى چەكلەشنى مەزمۇن قىلىدۇ.

ئامېرىكا، پات – پات رۇسىيەنى بۇ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر