ترامپ: جامال قاشىقچىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ: جامال قاشىقچىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، 2  - ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا يۈز بەرگەن پاتپاراقچىلىق نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى» جاكارلىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ،  ئارىزونا ئىشتاتىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست  جامال قاشىقچىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىنى <چوڭ قەدەم> دېيىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ باياناتىغا ئىشىنىشكە بولىدۇ. بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشىمەن، <سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە يالغان ئېيتىۋاتىدۇ>، دەپ قارىمايمەن. بىزنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىن سوراشقا تېگىشلىك سوئاللىرىمىز بولىدۇ، بۇ مەسىلىدە دۆلەت مەجلىسى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىمىز. بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، تاشلاشقا تېگىشلىك قەدەملىرىمىزگە ئالاقىدار قارارلىرىمىزنى ئېلان قىلىمىز. رىياد ھۆكۈمىتىنىڭ جامال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە چېتىشلىقى بار كىشىلەرنى قولغا ئېلىشى ناھايىتى مۇھىمدۇر.»

ترامپ مۇخبىرلارنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى  110 مىليارد دوللارلىق «قورال - ياراغ كېلىشىمى» نىڭ ئاقىۋىتىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، بۇ كېلىشىمنى قوغداپ قېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭ ئورنىغا، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش يولىنى تاللايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى، ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا قارشى «تەڭپۇڭلۇق كۈچى»  سۈپىتىدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېھتىياجى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئاقساراي تەرىپىدىن جامال قاشىقچىنىڭ ئاقىۋىتى ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان تەزىيەنامىدە، ۋاشىنگتوننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ ئۆلۈمىدىن  تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى، ئۇنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا ۋە  بولغۇسى ئايالىغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەزىيەنامىدە،  بۇ مەسىلىنىڭ ئادىل، ئوچۇق - ئاشكارا ۋە پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ھالدا بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جامال قاشىقچى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى ئاداقىچە كۆزىتىدىغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «رىياد ھۆكۈمىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ ئاقىۋىتىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىنى قوبۇل قىلىمىز.»

گەرچە ترامپ  رىياد ھۆكۈمىتىنىڭ قاشىقچىنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىنى ئىشەنچىلىك دەپ قارىسىمۇ، بىراق پالاتا ۋە دۆلەت مەجلىسىدىكى مۇھىم شەخسلەر بۇنى «گۇمانلىق دەپ قارىماقتا. ھەتتا بەزى پالاتا ئەزالىرى بۇ ۋەقەنىڭ ماگنىتىسكى قانۇنى دائىرىسىدە تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر