سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئامېرىكىغا ي پ گ / پ ك ك ياردىمى

سەئۇدى ئەرەبىستان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك تەرىپىدىن سۈرىيەدە ئىشغال قىلىۋېلىنغان رايوندا ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا 100 مىليون دوللار ياردەم بەردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئامېرىكىغا ي پ گ / پ ك ك ياردىمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ New York Times › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى ۋەقەسىگە قارىتا نارازىلىقلار سەۋەبىدىن مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى، 100 مىليون دوللارلىق ياردەمنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ تۈنۈگۈن رىيادقا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ھېسابىغا ياتقۇزدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئىقتىسادىي ياردەمنى ئۇزۇندىن بۇيان تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، پومپېيونىڭ ئۆكتىچى ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ 2 – ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى باش باش كونسۇلخانىسىدا يوقاپ كېتىش ۋەقەسىگە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن سۈرىيە سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەۋاتقان، ئەمما ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ، «پومپېيونىڭ زىيارىتىنىڭ جامال قاشىقچى ۋەقەسىدىن كېيىنلا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى، ھەمدە ترامپنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى  كۈرەش ئالاھىدە ۋەكىلى برېت ماكگارۇكنىڭمۇ باياناتلىرىغا ئورۇن ئاجراتتى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ماكگۇرك سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 100 مىليون دوللارنى ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ھېساباتىغا ياتقۇزۇشى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ رىياد زىيارىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ  بۇ پۇلنى ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىگە بېرىش توغرۇلۇق ئاۋغۇست ئېيىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتقان ماكگۇرك، بۇ پىلاننىڭ كۈز ئايلىرىدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنىڭ پىلانلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى سامىر ئەسسەبھان، 2017 – يىلى ئۆكتەبىردە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرى بىلەن بىرلىكتە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئەين ئىسا رايونى ۋە بەزى يېزا – قىشلاقلارنى زىيارەت قىلغانىدى. زىيارەتتىن كېيىن، رىياد ھۆكۈمىتى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ي پ گ / پ ك ك نىڭ ھۇجۇملىرىدا ئاساسىي جەھەتتىن ۋەيران بولغان رەققەنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن 100 مىليون دوللارلىق ياردەم بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر