پۇقرالىقىنى سېتىۋالغىلى بولىدىغان دۆلەتلەر ئېلان قىلىندى

مەبلەغ سېلىش بەدىلىگە پۇقرالىق ياكى ئىقامەت بېرىدىغان دۆلەتلەر رەتكە تىزىلدى.

پۇقرالىقىنى سېتىۋالغىلى بولىدىغان دۆلەتلەر ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى «OECD»، مەبلەغ سېلىش بەدىلىگە پۇقرالىق ياكى ئىقامەت بېرىدىغان ھەمدە باج ئوغرىلاشقا قارشى كۈرەشتە خەلقئارالىق تىرشچانلىقلارغا تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

مەبلەغ سېلىش بەدىلىگە پۇقرالىق ياكى ئىقامەت بېرىدىغان 100 دۆلەتنىڭ بۇ ھەقتىكى ھەر خىل پىروگراممىلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى «OECD» نىڭ دوكلاتى رەسمىي ئېلان قىلىندى.

دوكلاتتا باج ئوغرىلاشقا قارشى كۈرەشكە نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ پىروگراممىلار يولغا قويۇلغان دۆلەتلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن مالتا ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرەپ ھاكىمىيىتى قاتارلىق 21 دۆلەت رەتكە تىزىلدى. 

دوكلاتتا، ئانتىگۇئا، باربۇدا، باھامالار، بەھرەين، باربادوس، كولومبىيە، دومىنىكا، گىرېنادا، مالايشىيا، ماۋرىتيىچۇس، موناكو، مونتسېررات، پاناما، قاتار، سائىنت كىتىس، نېۋىس، سائىنت لۇكا، سەيشەلس، تۇركۇس ۋە كاكوس ئاراللىرى، بىرلەشمە ئەرەب خەلىپىلىكى ۋە ۋانائۇتۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەر خىل سېلىنمىلار بەدىلىگە ئىقامەت ۋە پۇقرالىق بېرىدىغانلىقى، بۇ پىروگراممىلىرىنىڭ سۈيىئىستېمال قىلىشقا ئوچۇق ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.  

بۇ دۆلەتلەردىكى يولغا قويۇلغان پۇقرالىق ۋە ئىقامەت بېرىش پىروگراممىلىرىنى باج ئوغرىلاش ۋە مال مۈلكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن سۈيىئىستېمال قىلغىلى بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا يەنە، بەزى دۆلەتلەردىكى بۇ خىل بەلگىلىمىلەردە، خېلى ئۇزۇن مەزگىل شۇ دۆلەتتە ياشىغانلىقىغا قارىماستىن، باجنى تۆۋەن ئېلىش قاتارلىق ئاسانلىقلارنىڭمۇ يارىتىپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر