شىۋيېتسارىيەدە ئانىسى ئۆلتۈرۈلگەن 6 ياشلىق پاناھلانغۇچى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلماقچى

شىۋيېتسارىيە كۆچمەنلەر ئىشخانىسى ئالدىنقى يىلى ئانىسى ئۆلتۈرۈلگەن 6 ياشلىق ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچى ئۆسمۈرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ماقۇللىدى.

شىۋيېتسارىيەدە ئانىسى ئۆلتۈرۈلگەن 6 ياشلىق پاناھلانغۇچى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلماقچى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋيېتسارىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن «Expressen» نىڭ خەۋىرىدە، دېنىس ئىسىملىق پاناھلانغۇچى ئۆسمۈرنىڭ ئانىسىنىڭ ئالدىنقى يىلى ئۆيىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى شۇڭا «ئىگە چاقىسىز قالدى» دېگەن سەۋەب بىلەن 6 ياشلىق ئۆسمۈرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارماقچى بولغانلىقى  ئۇقتۇرۇلدى.

شىۋيېتسارىيە كۆچمەنلەر ئىشخانىسى، ئۇنىڭ شىۋېيېتسارىيەدە بىرىنچى دەرىجىلىك تۇغقانلىرىدىن ھېچ كىشىسى قالمىغانلىقى ئۈچۈن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇكرائىنادىكى بىرەر يېتىمخانىدا يېتىشتۈرىلىشى كېرەكلىكىگە دائىر قارار ماقۇللانغانلىقى قەيت قىلىندى.

6 ياشلىق دېنىسنىڭ ئانىسىنىڭ بۇ قارارغا قارشى چىققان تۇغقانلىرىدىن مىدىئا سوفى، ئۇكرائىنادا بۇ بالىنىڭ دادىسى تەرىپىدىن ئېچىلغان داۋادا سوت مەھكىمىسىنىڭ بالىنى بېقىشنى ئانىسىغا تاپشۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەسلىدە دادىسىسنىڭ بالىنى بېقىشنى خالىمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

مىدىئا سوفى دېنىسنىڭ ئانىسىنىڭ شىۋېيېتسارىيەگە 6 يىل ئىلگىرى كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى ۋە چوڭ دادىسىنىڭ شىۋېىيېتسارىيەدە ھايات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، چوڭ دادىسىغا بالا بولۇش ئىلتىماسىنىڭ بولسا كۆچمەنلەر ئىشخانىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى ئېيتتى.

سوفى مۇنداق دېدى:

«دىنېسنىڭ ئۇكرائىنادا ھېچ نېمىسى يوق. ئانىسىنى يوقۇتۇپ قويدى. ئۇ پاناھلىنالايدىغان بىردىن بىر يەر، ئانىسىنىڭ شىۋېيېتسارىيەدە ياشايدىغان دادىسىدۇر. ئەگە ئۇكرانىئاغا ئەۋەتىلگەن تەقدىردە چوڭ دادىسىدىنمۇ ئايرىلىپ بولىدۇ. ۋىجدانلار بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ»

خەلق ئاممىسىنىڭ نارازىلىقلىرىغا سەۋەب بولغان مەزكۇر قارارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى ئۈچۈن شىۋېيېتسارىيەدە ئىمزا قويۇش سەپەرۋەرلىكى باشلاندى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر