مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى بۈگۈن سوت قىلىندى

مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى نەجىپ رەزاق مالايشىيا تەرەققىيات فوندىدىكى چىرىكلىك دېلوسى دائىرىسىدە، سوراق قىلىش ئۈچۈن قايتىدىن سوتقا چاقىرىلدى.

مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى بۈگۈن سوت قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Bernama» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نەجىپ رەزاق ئەتىگەن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 10:00 دا مالايشىيا چىرىكلىككە قارشى كۈرۈش كومىتېتى مەركىزىگە يېتىپ كەلگەن.

نەجىپ رەزاقنىڭ تەكشۈرۈش دائىرىسىدە بەزى زېمىن ۋە قۇرۇلۇش لايىھەلىرى ھەققىدە سوراققا تارتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

نەجىپ رەزاق ھوقۇقىنى سۇيىئستېمال قىلىىش، چىرىكلىك ۋە پۇل ئاقلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، ھازىرغا قەدەر جەمئىي 4 قېتىم سوراققا تارتىلدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم 3ئۆكتەبىردە سوتقا چاقىرىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر