دونالد ترامپ مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىسنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىماقچىمۇ؟

دونالد ترامپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس ماتتىسنىڭ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ياكى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا ئېنىق جاۋاب قايتۇرمىدى.

1068644
دونالد ترامپ مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىسنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىماقچىمۇ؟

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىسنىڭ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ياكى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن ياخشى مۇناسىۋىتىمىز بار. بىر بىرىمىزنى ياخشى چۈشىنىشىمىز. مەلۇم نۇقتىغا كەلگەندە ھەممىلا ئادەم ۋەزىپسىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن» دېدى.

دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ «CBS» قانىلىدا تارقىتىلىدىغان «60 مىنۇت» ناملىق پىروگراممىسىدىكى سۆزىدە، مىنىستىرلار كابېنتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالدى.

دونالد ترامپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىسنىڭ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ياكى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئالغا ئېنىق جاۋاب قايتۇرمىدى. 

دونالد ترامپ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىسنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنى خالايدىغان بىرەر نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئۆزىگە بىلدۈرمىگەنلىنى تەكىتلەپ: «ئۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن ياخشى مۇناسىۋىتىمىز بار. بىر بىرىمىزنى ياخشى چۈشىنىشىمىز. مەلۇم نۇقتىغا كەلگەندە ھەممىلا ئادەم ۋەزىپسىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن. بۇ يەر ۋاشىنگتون، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن» دېدى.

دونالد ترامپنىڭ ماتتىس ھەققىدە، «توغرىسىنى بىلىشنى خالىساڭلار، بىلىشىمچە ئۇ بىرئاز دېموكراتچى» دېگەن سۆزى ئامېرىكا خەلقى ئارىسىدا «ماتتىس ۋەزىپسىدىن ئايرىلىدىكەن» دېگەن تالاش -تارتىشلارنىڭ قايتىدىن ئەۋج ئېلىشىغا سەۋەب بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، دونالد ترامپ مىنىستىرلار كابېنتىدىكى بەزى كىشىلەردىن مەمنۇن ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇنىڭ ئىسىم بەرمەستىن قىلغان بۇ سۆزىگە قارىتا: «خەلق ئالدىدا كۆپىنچە تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئەدلىيە مىنىستىرى جېف سېسسونس بولۇشى مۇمكىن» دەپ باھا بېرىلدى.

ئاتاقلىق ئامېرىكا ژۇرنالىستى بوب ۋۇدۋاردنىڭ «قورقۇنچ؛ ترامپ ئاقسارايدا» ناملىق كىتابىدا، «ماتتىسنىڭ ترامپنى قاتتىق تەنقىد قىلغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، بىراق كېيىنچە ھەم ترامپ، ھەم ماتتىس بۇنى رەت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر