ئامېرىكا بۇ يىل 55 مىليارد دوللارلىق قورال - ياراغ ساتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ يىل چەت دۆلەتلەرگە 55 مىليارد دوللارلىق قورال ساتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا بۇ يىل 55 مىليارد دوللارلىق قورال - ياراغ ساتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2018 – يىلى چەت دۆلەتلەرگە ساتقان ھەربىي ئەسلىھەلىرىنىڭ بىر ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %33 ئېشىپ 55 مىليارد 660 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، مەزكۇر پۇلنىڭ 47 مىليارد 710 مىليون دوللىرىنىڭ قورال سېتىۋالغان چەت دۆلەتلەر تەرىپىدىن تۆلەنگەنلىكى، قالغان قىسمىنىڭ 3 مىليارد 520 مىليون دوللىرىنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، 4 مىليارد 420 مىليون دوللىرىنىڭ ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «سىرتقا ھەربىي ياردەم قىلىش پىلانى» دائىرىسىدە بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 2017 – يىلى سىرتقا 41 مىليارد 930 مىليون دوللارلىق ھەربىي ئەسلىھە ساتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر