رۇسىيە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، موسكۋانىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە، ئامېرىكىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ئاپتونوم رايون تەسىس قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ ھەرىكەتلىرى تۈپەيلى، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك كۈچلىرىگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئاپتونوم ھۆكۈمەت قۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى تۈپەيلى، «رۇسىيەنىڭ، فىراتنىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى» نى قەيت قىلدى.

زاخاروۋا، ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا توختالدى؛ «فىراتنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا پەيدا بولغان ۋەزىيەت بارغانچە راھەتسىز قىلغۇچى ھالغا كەلمەكتە» دېگەن زاخاروۋا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ رايوندىكى تەشكىلات بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورناتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

سۈرىيەدىكى مەۋجۇت ئاساسىي قانۇنغا ماس كەلمەيدىغان بەزى ئاپتونوم ھۆكۈمەت قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان زاخاروۋا، «بۇنداق بىر يېرىم دۆلەت قۇرۇش، كورد ئەمەس نوپۇسنى، ئەرەبلەرنى، سۇريانىلارنى ۋە تۈركمەنلەرنى بىئارام قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، رايون خەلقىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىپ تۇرىدىغان مەھەللىي خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشلىرىدىن رازى ئەمەسلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر