كەركۈكتە پارتلاش يۈز بەردى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە يول بويىغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر بومبا پارتلاپ، 1 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، 4 ئادەم يارىلاندى.

كەركۈكتە پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ساقچى ئىدارىسى مۇدىرى ئەلى كەمال، باغداد تاش يولى بويىغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر بومبا پارتلاپ، 1 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 4 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، يېقىن ئەتراپتىكى ئۆي ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭمۇ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ھۇجۇمنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ كىملىكلىرىنىڭ ھازىرچە ئېنىقلىنىپ بولمىغانلىقىنى، ئەمما جاۋابكارلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر