جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى خىتايغا ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق قىلىش ۋە ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ سودىغا ئالاقىدار سىرلىرىنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بىر خىتاينى بېلگىيەدىن تاپشۇرۇۋالدى.

جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، خىتايغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ بېلگىيەدە تۇتۇلغان خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى مەنسۇبى يەن جۇنشۇ ئىسىملىك خىتاي  پۇقراسى بېلگىيە تەرىپىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇ دۆلەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم چەت ئەلدە ياشاۋېتىپ جاسۇسلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن بىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىشى ئىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن باش كاتىپى جون دېمېرسنىڭمۇ سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا يەنە، مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ئالاھىدە بىر ئەھۋالمۇ ئەمەس، چۈنكى بۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى يولغا قويۇۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. باشقا ئۇلۇسلارنىڭ سەرمايىمىز ۋە ئەقىل پاراسىتىمىزنىڭ مېۋىلىرىنى ئوغرىلىشىغا ھەرگىزمۇ يول قويمايمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىزنىڭ مەنپەئەتلىرىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئەسلا يول قويمايمىز.»

ئۆتكەن ھەپتىمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنى ئامېرىكا تېخنولوگىيەسىنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر