ھۇسىيلار نەجرانغا قارىتىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر، ھۇسىيلار تەرىپىدىن ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان نەجران شەھىرىگە ئېتىلغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ھاۋادىكى چېغىدىلا بىر تەرەپ قىلدى.

ھۇسىيلار نەجرانغا قارىتىپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ باياناتچىسى تۇركى ئەلمالىكى، دۆلەتنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى –سپاغا بايانات بېرىپ، ئىتتىپاقداش كۈچلەر ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن كېچە يەمەننىڭ سادا شەھىرىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نەجران شەھىرىگە قويۇپ بېرىلگەن بىر باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ھاۋادىكى چېغىدىلا يوقىتىپ تاشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى ۋە بومبا نىشانىغا يېتىپ بارالمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باياناتچى تۇركى ئەلمالىكى، يەمەندە ئۇرۇش باشلانغان 2015 – يىلىدىن بۇيان ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان تەۋەلىكىگە جەمئىي 204 قېتىم بومبا ئاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ 112 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، يۈزلەرچە كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر يەمەندىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قوللاش مەقسىتىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان 2015 – يىلى 26 – مارتتىن بۇيان ھۇسىيلار پات – پات سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىگە ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە. يەمەن زېمىنلىرىدىن ئېتىلغان بومبىلار، كۆپىنچە ھاللاردا سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا مۇداپىئە كۈچلىرى تەرىپىدىن يوقىتىپ تاشلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر