ۋولۋو شىركىتى ئىراندىن چېكىنىپ چىقتى

ۋولۋو شىركىتى ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرى ۋە بېسىملىرى تۈپەيلى ئىراندىن چېكىنىپ چىقتى.

1056062
ۋولۋو شىركىتى ئىراندىن چېكىنىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەدىكى يۈك ماشىنىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان «ۋولۋو» (Volvo)شىركىتى، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئېمبارگولىرى تۈپەيلى ۋاقتىدا پۇل ئالالمايۋاتقانلىقلىرى ئۈچۈن ئىراندىكى يۈك ماشىنىسى زاۋۇتىنى ئىشتىن توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ۋولۋو باياناتچىسى فىرېدرىك ئىۋارسون ئىران تەرەپنىڭ پۇل تۆلىمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىرانغا مەبلەغ سالماسلىقىنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋولۋو شىركىتىنىڭ بۇ قارارى ئىران ئاپتوموبىل ساھەسىدە غۇلغۇلا پەيدا  قىلدى.

باياناتچى ئىۋارسون: بۇ قارارىمىزغا ئېمبارگولار ۋە ئامېرىكانىڭ بېسىمى سەۋەب بولدى، ئىراندا بانكىچىلىق سىستېمىسى ياخشى ئىشلىمەيدۇ، پۇلىمىزنى ئالالمايۋاتىمىز، بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىران بىلەن ھازىرچە ھەمكارلاشمايمىز، دېدى.

ئامېرىكا ئىرانغا ئېمبارگو قويۇشتىن ئىلگىرى ۋولۋو شىركىتى ئىراننى پارس قولتۇقى ۋە شىمالىي ئافرىقا بازىرى ئۈچۈن غول ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى شىركەتلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قانۇن چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ئېمبارگولىرى بانكىلارنىڭ ئىران شىركەتلىرى بىلەن توختام تۈزۈشىگە توسالغۇ بولماقتا.

ۋولۋو شىركىتى ئىراننىڭ ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى سايپا گۇرۇھىغا قاراشلىق «سايپا دېزىل»شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ كېلىۋاتاتتى.

«سايپا دېزىل»شىركىتى شىۋېتسىيەدىن كېلىدىغان ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ۋولۋونىڭ ئېغىر تىپلىق يۈك ماشىنىلىرىنى قۇراشتۇرۇپ چىقاتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر