«سۈرىيە كىرىزىسى ھەل بولمىسا ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ»

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېن يىۋېس لې دىرايىن سۈرىيەدە كىرىزىس ھەل بولمىسا ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1056059
«سۈرىيە كىرىزىسى ھەل بولمىسا ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېن يىۋېس لې دىرايىن سۈرىيەدە كىرىزىس ھەل قىلىنمىغان تەقدىردە ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لې دىرايىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 73-ئومۇمىي كېڭەش مۇزاكىرىلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان نىيۇيوركتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

سۈرىيەدە كىرىزىس ھەل قىلىنمىغان تەقدىردە ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن لې دىرايىن: بۇ كىرىزىستىن بەششار ئەسەد قانداق جاۋابكار بولسا ئۇنىڭغا  يانتاياق بولغۇچىلارمۇ ئوخشاشلا جاۋابكاردۇر. سىياسىي چارە ئۈچۈن سەپەرۋەر بولۇش كېرەك، بولمىسا رايوندا ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ،دېدى.

لې دىرايىن لىۋىيەنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى. مىنىستىر لې دىرايىن لىۋىيەدە تىنچلىق بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىگە توسالغۇ بولغۇچىلارغا ئېمبارگو قويۇلۇشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا جىددىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر لې دىرايىن «تىرابلۇس ھاكىمىيىتىنى تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان قوراللىق كۈچلەرگە ئېمبارگو قويۇلۇشى كېرەكلىكىنى»تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر