رۇسىيە ئامېرىكانىڭ باياناتىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى

رۇسىيە سۈرىيەگە بېرىلىدىغان «S-300» ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى سايىسىدا سۈرىيەدىكى ھاۋا تەۋەلىكنى زۆرۈر بولغاندا تاقىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1056555
رۇسىيە ئامېرىكانىڭ باياناتىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يادرو قوراللارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش ۋە كونترول قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋلادىمىر يەرماكوۋ، رىيا نوۋوستى (RİA Novosti) ئاگېنتلىقىغا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ «S-300» لەرنى سۈرىيەگە بېرىلمەسلىكى ئۈچۈن موسكۋاغا قويۇلغان تەلەپلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەگە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان باشقۇرۇلىدىغان قالقان سىستېمىسى بېرىشىنىڭ رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتى ئۈستىدە توختالدى.  ئۇ مۇنداق دېدى:

«S-300 لەر پۈتۈنلەي مۇداپىئە مەقسىتىگە ئىگە. شۇڭا، ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتلىرىنى كۆپتۈرۈۋېتىلگەنلىك دەپ قارايمىز.»

ئۇ رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا مۇداپىئە ساھەسى بويىچە ياردەم قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «سۈرىيەگە بېرىلىدىغان S-300 ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىلىرى سايىسىدا سۈرىيەدە زۆرۈر بولغان ھاۋا تەۋەلىكىنى تاقاش مۇمكىن بولىدۇ» دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ تۈنۈگۈن (24-سېنتەبىر) سۈرىيەگە ئىككى ھەپتە ئىچىدە «S-300» ھاۋا قالقان مۇداپىئە سىستېمىسى بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

رۇسىيە كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ سۈرىيەگە بېرىلىدىغان سىستېمىنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتلەرنى نىشان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر