رۇسىيە: ئامېرىكا ئىدلىب مەسىلىسىنى ئالدىغا سۈرۈپ باشقا ئىشلارنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا

رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزىئا، ئامېرىكىنىڭ ئىدلىب سىياسىتىنىڭ پەردە ئارقىسىدا باشقا غەرەزلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1054907
رۇسىيە: ئامېرىكا ئىدلىب مەسىلىسىنى ئالدىغا سۈرۈپ باشقا ئىشلارنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلىي نېبېنزىئا، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەنىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن، ئىدلىب مەسىلىسى ئارقىلىق كۈنتەرتىپنى سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋاسسىلىي نېبېنزىئا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىدلىبتا يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۈنتەرتىپكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، سۈرىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى كۈنتەرتىپتىن يىراق تۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىنىڭ رايوندا يۈز بەرگەن باشقا ۋەقەلەرنى قەستەن ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋاسسىلىي نېبېنزىئا، «ئىدلىب، سۈرىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن بىر سۇيىئستېمالدۇر. 17 – سېنتەبىردىكى رۇسىيە ۋە تۈركىيە پىرېزىدېنتلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ھارپىسىدا پالاكەت ئاتموسفېراسى شەكىللەندۈرۈلدى. ئىدلىب ھۇجۇمىنىڭ 21 – ئەسىرنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىنسانىي پالاكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يەردە پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشى بىلەن بىرلىكتە باشقا سەۋەبلەرمۇ بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر