ئامېرىكا خىتاينىڭ بىر ھەربىي ئورگىنى ۋە مەسئۇللىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

خىتاي، رۇسىيە بىلەن ھەربىي مۇناسىۋىتى بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ بىر ھەربىي ئورگىنىغا ۋە مەسئۇللىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ماقۇللىغانلىقىنى ئەيىبلدى.

ئامېرىكا خىتاينىڭ بىر ھەربىي ئورگىنى ۋە مەسئۇللىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گىڭ شۇاڭ پەيتەخت بېيجىڭدا چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر مەنتىقسىز ئۇسۇللىرىغا قاتتىق غەزىپىمىز كەلگەنلىكىنى بىلدۈرىمىز» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارىنىڭ خەلقئارالىق قائىدە، ئۆلچەملەرنى ئېغىر دەرىجىدە ئاياق ئاستى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن باياناچى گىڭ شۇاڭ، بۇ قارارنىڭ ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە زور زىيان سالغانلىقىنى ئېيتتى. 

  گىڭ شۇاڭ: «ئامېرىكىنى كۈچلۈك بىر شەكىلدە خاتاسىنى تۈزۈتىشكە ۋە ئاتالمىش ئېمبارگو قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىرىق قىلىمىز. ئەكسىچە بولغاندا ئامېرىكا بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە بەرداشلىق بېرىشكە مەجبۇر بولىدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن رۇسىيە بىلەن ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى بولغانلىقى سەۋەبىدىن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئەسلىھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورگىنىغا ۋە مەسئۇللىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى ماقۇللىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىمبارگو قارارى، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئەسلىھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئورگىنى ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكا ئىچىدىكى ۋە ئامېرىكىغا قاراشلىق رايونلاردىكى بارلىق ماددىي رەسمىيەتلىرىنىڭ توختىتىپ قويۇلىشىنى، ئامېرىكا ئىچىدىكى مال مۈلۈكلىرىنىڭمۇ دەرھال توڭلىتىپ قويۇلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ قارار يەنە، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەرنىڭ ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتاينىڭ مەركىزىي ئارمىيە كومىتېتى بىلەن سودا ئالاقە قىلىشىنىمۇ مەنئىي قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر