كانادا پارلامېنتىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپى ماقۇللاندى

كانادا پارلامېنتىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپى ماقۇللاندى.

1054137
كانادا پارلامېنتىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن تەكلىپى ماقۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا پارلامېنتى بىرمادىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىغان زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچلىق»دەپ تەرىپلەشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

پارلامېنت ئەزالىرى بىرمادىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۇچرىغان زۇلۇمنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن خەلقئارا جىنايىي ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىشتى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرستىنا فىرەلەند قارار لايىھەسى ماقۇللانغاندىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «مۇسۇلمانلار ئۇچرىغان زۇلۇمنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ۋە ۋەھشىي ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن.»

فىرەلەند: ئاراكاندا ئادالەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا سەھنىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، بۈگۈن ماقۇللانغان بۇ قارار لايىھەسى ناھايىتى مۇھىم قەدەمدۇر، دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە سەيشەنبە كۈنى بىرما ئارمىيەسى ۋە ئاشقۇن بۇددىستلارنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان دوكلات ئېلان قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلغانلارنىڭ  خەلقئارا جىنايىي ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئاراكان، كاچىن ۋە شان قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى يەرلىك خەلقنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلغانلىقىغا دەلىل-ئىسپات كەلتۈرۈلگەن دوكلاتتا: «ئىرقىي قىرغىنچلىقنىڭ باش جاۋابكارى بىرما ئارمىيەسىدۇر» دېيىلدى.

دوكلاتتا بىرما باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال مىن ئاڭ ھلاڭ ۋە ھەربىي گېنېراللار خەلقئارا سوت ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچلىق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر