گۇتېررېس كۆپ دۆلەتلىك خەلقئارا تۈزۈمنىڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس نۆۋەتتىكى كۆپ دۆلەتلىك خەلقئارا تۈزۈمنىڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1053893
گۇتېررېس كۆپ دۆلەتلىك خەلقئارا تۈزۈمنىڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس 25-سېنتەبىردە باشلىنىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 73-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش مۇزاكىرىلىرىدىن ئىلگىرى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، كۆپ دۆلەتلىك خەلقئارا تۈزۈمنىڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ دۇنيا رەھبەرلىرىنى خەلقئارا سەۋىيەدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۆپ دۆلەتلىك خەلقئارا تۈزۈمگە تەھدىت سېلىپ سالمايۋاتقانلىقى توغرىسىدا سورالغان بىر سوئالغا گۇتېررېس جاۋاب بەرمىدى ۋە كېلەر ھەپتە دۇنيا رەھبەرلىرىگە كۆپ دۆلەتلىك خەلقئارا تۈزۈمنى قوغداش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئىدلىبتە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش توغرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم ئۈستىدە توختالغان گۇتېررېس: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىدلىبتە قوراللاردىن خالىي رايون بەرپا قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى، بۇ كېلىشىم ئىجرا قىلىنسا 1 مىليون بالا بولۇپ جەمئىي 3 مىليون ئادەم پالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ، دېدى.

گۇتېررېس ئىدلىب كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىدلىب خەلقىنى قوغداش، سۈرىيەدىكى مۇھتاجلارغا ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش ۋە جەنۋە مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىدار تەرەپلەرنى كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.

ئانتونيو گۇتېررېس يەنە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە كېلەر ھەپتە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئىران يادرو كېلىشىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئىقتىسادىي ياردەمنى ئۈزۈپ تاشلىغان  ب د ت غا قاراشلىق پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئورگىنىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە توختالغان گۇتېررېس، بۇ ئورگانغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنىڭ نەقلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر