ب د ت: 39 دۆلەت جىددىي ياردەمگە مۇھتاج

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئافرىقىدا 31، ئاسىيادا 7 ۋە  كارىب رايونىدا بىر بولۇپ، جەمئىي 39 دۆلەتنىڭ جىددىي يېمەك - ئىچمەك ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1054257
ب د ت: 39 دۆلەت جىددىي ياردەمگە مۇھتاج

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېمەك – ئىچمەك ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 39 دۆلەتنىڭ جىددىي ياردەمگە مۇھتاق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: « ئافرىقىدا 31، ئاسىيادا 7 ۋە  كارىب رايونىدا بىر بولۇپ، جەمئىي 39 دۆلەت جىددىي يېمەك - ئىچمەك ياردىمىگە مۇھتاج. تەشكىلاتىمىز ئۇزۇندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى داۋامىدا ئېنىقلاپ چىقىشىچە، ئۇزاق مەزگىللىك توقۇنۇشلار، ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىلىرى ۋە ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىق ۋەقەلەر سەۋەبىدىن مىليونلارچە باش پاناھسىز ئىنسان جىددىي يېمەك - ئىچمەك ياردىمىگە مۇھتاج بولۇۋاتىدۇ. شەرقىي ئافرىقا ۋە يېقىن شەرق رايونىدىكى يېمەك - ئىچمەك جەھەتتىكى خەۋپنىڭ ئاساسلىق ئامىلىنى، توقۇنۇشلار ۋە ئۆي – ماكانسىز قېلىش ھادىسىلىرى تەشكىل قىلماقتا. ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، يېقىن شەرق رايونى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىدا قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتىدۇ.»

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «يەمەندە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن، ئالدىنقى يىلدىن بۇيان ئاچارچىلىق تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان ۋە جىددىي ياردەمگە مۇھتاج بولۇۋاتقان ئىنسانلارنىڭ سانى % 5 لىك ئېشىش بىلەن 17.8 مىليونغا يەتتى. ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇسىنىڭ % 43 تى، يەنى تەخمىنەن 2 مىليون كىشى جىددىي يېمەك - ئىچمەك ياردىمىگە مۇھتاج. سۈرىيەدە تەخمىنەن 6.5 مىليون كىشى ۋە باشقا 4 مىليون ئىنسان ئاچارچىلىق خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئافغانىستان، بۇركىنا فاسو، بۇرۇندى، يېشىل تۇمشۇق ئاراللىرى، كامېرون، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى، چاد، كونگو، شىمالىي كورېيە، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، جىبۇتى، ئېرىتىرىيە، ئەسۋاتىنى، ئېفىيوپىيە، گىۋېنىيە، ھايتى، ئىراق، كېنىيە، لېسوتھو، لىبېرىيە، لىۋىيە، ماداغاسقار، مالاۋى، مالى، ماۋرىتانىيە، موزامبىك، بىرما، نىگېر، نىگېرىيە، پاكىستان، سېنېگال، سىررالىيون، سومالى، جەنۇبىي سۇدان، سۇدان، سۈرىيە، ئۇگاندا، يەمەن، زىمبابوۋى قاتارلىق دۆلەتلەر جىددىي يېمەك - ئىچمەك ياردىمىگە مۇھتاج.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر