گېرمانىيە، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئىدلىب كېلىشىمى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا ئالاقىدار كېلىشىمىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1053025
گېرمانىيە، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئىدلىب كېلىشىمى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ستېفېن سېئىبېرت يازما بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلنىڭ تۈنۈگۈن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتچى سېئىبېرت، سۈرىيە توغرىسىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 17 – سېنتەبىردىكى «ئىدلىب تەۋەلىكىدە قوراللاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان تەڭپۇڭ رايون تەسىس قىلىشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىمىدىن كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ھالدا،  «باش مىنىستىر مېركېل، ھەربىي سۈركىلىشنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشى ۋە پۇقرالارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى يولىدىكى تىرىشچانلىقلاردىن خۇشاللىق ھېس قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇكرائىنا توغرىسىدا سۆزلىشىپ، مىنىسكى كېلىشىمىنىڭ تېز ۋە تولۇق رەۋىشتە ئىجرا قىلىنىشى لازىملىقىنى ئۆزئارا تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر