پۇتىن بىلەن نېتانياھۇ چۈشۈپ كەتكەن رۇس ئايروپىلانى توغرۇلۇق سۆزلەشتى

ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن بۇنيامىن نېتانياھۇ سۈرىيەدە چۈشۈپ كەتكەن ھەربىي ئايروپىلان توغرۇلۇق تېلېفوندا سۆزلەشتى.

1052173
پۇتىن بىلەن نېتانياھۇ چۈشۈپ كەتكەن رۇس ئايروپىلانى توغرۇلۇق سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق ئىدارىسىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ پىرېزىدېنت پۇتىنغا تېلېفون قىلىپ، سۈرىيەدە چۈشۈپ كەتكەن ھەربىي ئايروپىلاندىكى رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن پۇتىنغا تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا نېتانياھۇنىڭ تېلېفوندا  ئسىرائىلىيە بىلەن رۇسىيە ئارمىيەلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە 2015-يىلى قۇرۇلغان مىخانىزىمىنى قايتا ئىشقا سېلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ رۇسىيەگە تەۋە ھەربىي ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشى توغرۇلۇق قولىدىكى بارلىق ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى رۇسىيەگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى دېگەن.

باياناتتا نېتانياھۇنىڭ يەنە «رۇسىيەگە تەۋە ھەربىي ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىدىن ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ مەسئۇل ئىكەنلىكى دېگەنلىكى»بىلدۈرۈلدى.

باياناتقا كۆرە، باش مىنىستىر نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئىران نوپۇزىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ۋەقە توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئالدىنقى كۈنى سۈرىيەدە 15 ئەسكىرى بىلەن بىرلىكتە راداردىن يوقاپ كەتكەن رۇس ئىل 20-تىپلىق ھەربىي ئايروپىلاننىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە تەۋە « S-200 » تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ۋەقە سەۋەبىدىن ئسىرائىلىيەنى ئەيىبلىگەن رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ مۇنداق دېدى: «سۈرىيەدە رۇس ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە ھەربىي خادىملارنىڭ ئۆلۈمىدىن ئىسرائىلىيە مەسئۇلدۇر.»

پۇتىن بۇ ھەقتە توغرۇلۇق بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى: «سۈرىيەدە ئايروپىلانىمىزنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى تىراگېدىيەلىك ۋەقەلەرنىڭ بىر پارچىسىدەك قىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر