«ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى چېگرالىرىنى قاتتىق قوغدىشى كېرەك»

گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيە باش مىنىستىرلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ چېگرالىرىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىشتى.

«ياۋروپا  ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى چېگرالىرىنى قاتتىق قوغدىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چېگرالىرىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

مېركېل پايتەخت بېرلىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئاۋسترىيەنىڭ سالزبۇرگ شەھىرىدە چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنى غەيرى رەسمىي ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە ھازىرقى يىغىندا بولسا ئاۋسترىيەلىك مەنسەبدېشى بىلەن ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە كۆرۈشىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان مېركېل، ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ئەڭ مۇھىم مەسىلىنىڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى  ئەسكەرتتى.

«تاشقى چېگرالىرىمىزنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك»دېگەن مېركېل، بۇ مەسىلىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى جېن-كلاۋۇد جۇنكېرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ياۋروپا پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇپ ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان مېركېل، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئافرىقا سىياسىتىگە ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى كۇرتزمۇ ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى  ۋە كۆچ مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇنكېرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراشلىق چېگرالارنى قوغداش ئاگېنتلىقىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتقان كۇرز: جۇنكېرنىڭ تەكلىپىنى قوللىشىمىز كېرەك، دېدى.

بۇنىڭدىن سىرت بۇ يىل دېكابىردا ئافرىقا ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان كۇرز، يىغىندا نوقۇل كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنمايدىغانلىقىنى، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ساھەدە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى پىلانلىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مەسىلىسىدە مېركېل بىلەن ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان كۇرز مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلىدە ئاشقۇنلۇقنىڭ يۈز بېرىشىگە توسالغۇ بولۇشىمىز كېرەك.»

ئىككى باش مىنىستىرى غەيرىي رەسمىي ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا كونكرېت قارارلارنىڭ چىقىرىلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر