«ئامېرىكىنىڭ نوپۇزى ئاجىزلاۋاتىدۇ»

ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئامېرىكىنىڭ نوپۇزى ئاجىزلاۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گۇتېررېس «ئاتلانتىك»ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى يۇمشاق كۈچى ئاجىزلىماقتا».

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىتاي بىلەن قوزغىغان «سودا ئۇرۇشى»توغرىسىدا توختالغان گۇتېررېس: ئامېرىكا  نۆۋەتتە سودا ۋە باشقا مەسىلىلەر بىلەن بەند بولماقتا، بۇرۇن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە كۈچلۈك تەسىرى بولغان ئامېرىكا ھازىر ئۇنداق ئەمەس، دېدى.  

باش كاتىپ گۇتېررېس يەنە مۇنۇلارنى سۆزلەپ ئۆتتى: «دۇنيا بۆلۈنۈش ۋەزىيىتى ئىچىدە تۇرماقتا. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۇنيا تەرتىپى، نامى مەجھۇل بولغان نۇرغۇن كۈچ ئاكتىپ ھالەتكە كەلگەن دۇنيا تەرتىپىگە قاراپ يۈزلەنمەكتە. ئامېرىكا ۋە دۇنيا بۇ يېڭى ۋەزىيەتكە كۆنۈشى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر