رۇسىيە بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىك ئەمەلدارلىرى كۆرۈشتى

رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشى كاتىپى نىكولاي پاترۇشېۋ ئىسىرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى مېيىر بېن شاببات بىلەن موسكۋادا كۆرۈشتى.

رۇسىيە بىلەن ئىسىرائىلىيەنىڭ خەۋپسىزلىك ئەمەلدارلىرى كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشى كاتىپ نىكولاي پاترۇشېۋ بىلەن ئىسىرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى مېيىر بېن شابباتنىڭ موسكۋادا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، تەرەپلەرنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ئۆزگىرىشلەرنى، ئوتتۇرا شەرقتە مۇقىملىق ۋە خەۋپسىزلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسىلىسىنى، رۇسىيە، ئىران ۋە تۈركىيەنىڭ 7-سېنتەبىر تېھراندا ئۆتكۈزگەن رەھبەرلەر يىغىنىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«نىكولاي پاترۇشېۋ بىلەن مېيىر بېن شاببات تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە ئالاھىدە دىققەت تارتىپ، خەۋپسىزلىك ساھەسىدە رۇسىيە-ئىسىرائىلىيەنىڭ بىر-بىرىگە بولغان تەسىرى ئۈستىدە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر