مۇستەملىكىچىلىك ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتتۇر

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون 1957-يىلى فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالجىرىيەدە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى قوزغالغان كۈرەشنى قوللىغان ماۋرىس ئاۋدىن ئىسىملىك كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

مۇستەملىكىچىلىك ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتتۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئېلسى سارىيى ئالجىرىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى كۈرىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئالجىرىيە ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئالجىرىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ماۋرىس ئاۋدىننىڭ يوقاپ كېتىشىنىڭ، 61 يىلدىن بۇيانقى ئالجىرىيە ئۇرۇش تارىخىنىڭ قاراڭغۇلۇقتا قالغان بىر سەھىپىسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، پىرېزىدېنت ماكروننىڭ مەزكۇر ۋەقەنى ئېنىقلاش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىگە قارار قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «پىرېزىدېنت ماكرون ماۋرىس ئاۋدىننىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇتقان ئەسكەرلەر تەرىپىدىن قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ياكى ئۆلگىچە قىيىن-قىستاق قىلىنغانلىقىنى، فىرانسىيە دۆلىتى نامىدىن قوبۇل قىلىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«پىرېزىدېنت ماكرون ئالجىرىيە ئۇرۇشى جەريانىدا يوقاپ كەتكەنلەر ھەققىدىكى بارلىق دۆلەت ئارخىپلىرىنىڭ ئەركىن ھالدا تەكشۈرۈلۈشىنى ۋە مەخپىيەتلىكىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان قانۇن ماددىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. يوقاپ كەتكەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەتلەرنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ھەسسە قوشىدىغان ھەممە كىشىنى ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.»

1956-يىلى فىرانسىيە پارلامېنتى چىقارغان بىر قانۇن بىلەن، ئەينى ۋاقىتتا فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكە زېمىنى بولغان ئالجىرىيەدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە كەڭ ھوقۇق بېرىلگەن ئىدى. مۇستەقىللىقنى قوللايدىغان مىڭلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ قانۇن ماددىسى بىلەن، نۇرغۇن كىشى يوقاپ كەتكەنلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. فىرانسىيە ئارمىيەسى ئەينى ۋاقىتتا، ماۋرىس ئاۋدىننىڭ تۈرمىدىن قاچقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقاتقان. 1962-يىلى چىقىرىلغان ئومۇمىي كەچۈرۈم قانۇنى نەتىجىسىدە ماۋرىس ئاۋدىن دېلوسىنىڭ ئۈستى يېپىلغان ئىدى.

ئايالى ۋە ئۈچ پەرزەنتى بولغان ماۋرىس ئاۋدىننىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەسى، فىرانسىيە ئارمىيەسى ئالجىرىيەدە ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ سىمۋوللۇق دەۋاسى دەپ قارىلاتتى.

سابىق پىرېزىدېنت فرانسۇا ئولاند 2014-يىلى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ماۋرىس ئاۋدىننىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كېلىۋاتقاندەك ئارمىيەنىڭ قولىدىن قاچمىغانلىقىنى، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەركەزدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

پىرېزىدېنت ماكرون 2017-يىلى فېۋرال ئېيىدا سۆزلىگەن بىر نۇتقىدا: «مۇستەملىكىچىلىك ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتتۇر» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر