كۆچمەن غاسسامە كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى بىلەن فىرانسىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشتى

فىرانسىيەدە بىنانىڭ 4 – قەۋىتىدىن چۈشۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بىر بۇۋاقنى قۇتقۇزۇپ قىلىپ قەھرىمانلىقى پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان كۆچمەن غاسسامە فىرانسىيە پۇقراسى بولدى.

كۆچمەن غاسسامە كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقى بىلەن فىرانسىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماي ئېيىدا فىرانسىيەدە بىر بىنانىڭ 4قەۋىتىدىن چۈشۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان بىر بۇۋاقنى 4قەۋەتكە يامىشىپ چىقىپ قۇتقۇزۇپ قالغان مالىلىق كۆچمەن مامادو غەسسامە فىرانسىيە پۇقرالىغا رەسمىي قۇبۇل قىلىندى. 

ماي ئېيىدا بىر كىچىك بالا بالكۇنغا يامىشىپ، ھېچ كىشى بارالمايدىغان بىر نۇقتىدا ئېسىلىپ قالغان ئىدى. بۇنى كۆرگەن مالىلىق كۆچمەن مامادو غاسسامە ھېچ ئىككىلەنمەستىن 30 سىكونت ئىچىدە 4 قەۋەتكە يامىشىپ چىقىپ، بۇۋاقنى قۇتقۇزۇپ قالغان ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن مالىلىق كۆچمەن غاسسامەنىڭ ئىسمى «مالىلىق ئۆمۈچۈك ئادەم» دەپ ئاتىلىشقا باشلانغان ئىدى.

ۋەقەدىن كېيىن فىرانسىيە ئىقامىتى بېرىلگەندىن سىرت، پۇقرالىق رەسمىيەتلىرىنىڭمۇ سۈرئىتى تىزلاشتۇرۇلغان ئىدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرونمۇ ئېليەسە سارىيدا ئۇنى قوبۇل قىلىپ، فىرانسىيەنىڭ جاسارەت مېدالىيونى تەقدىم قىلغان ھەمدە بىر يىلدىن بۇيان فىرانسىيەدە قانۇنسىز ئىشلەپ تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتقان غاسسامەگە پارىژ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىدا خىزمەت بېرىلگەن ئىدى.

فىرانسىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش رەسمىيەتلىرى تاماملانغان «ئۆمۈچۈك ئادەم» لەقەملىك كۆچمەن غاسسامە فىرانسىيە پۇقرالىقىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.   

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر