ئىراقتا بىر رېستوران قانغا بويالدى

ئىراقنىڭ سالاھاددىن ۋىلايىتىدىكى بىر رېستوران قانغا بويالدى.

ئىراقتا بىر رېستوران قانغا بويالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ سالاھاددىن ۋىلايىتىدىكى بىر رېستوران ھۇجۇمغا ئۇچراپ 5 ئادەم ئۆلدى، 32 ئادەم يارىلاندى.

بىخەتەرلىك تارماقلىرى سالاھاددىن شەھەر مەركىزىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاججاج ناھىيەسىدىكى بىر رېستوراننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سەيف ئەل بەدىر بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا 5 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ 32 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن «ئۆلۈم ئۈچ بۇلۇڭى»دەپ تەرىپلىنىدىغان كەركۈك-سالاھاددىن-دىيالا ۋىلايەتلىرى ئارىسىدىكى بۇ رايوندا پات-پات تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

ئىراق ئارمىيەسى 2014-يىلى ئىيۇندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چاڭگىلىغا چۈشكەن سالاھاددىن ۋىلايىتىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك 2015-يىلنىڭ ئاخىرىدا قايتۇرۇپ ئالغانىدى.


خەتكۈچ: دائېش , ئىراق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر