ئامېرىكا ئىدلىبقا 100 دىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي رۇسىيە بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبقا 100 قېتىمدىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئىدلىبقا 100 دىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىدلىبقا 100 قېتىمدىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى قىلىنغان
ئىدلىبقا 100 قېتىمدىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى قىلىنغان

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي رۇسىيە بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبقا 100 قېتىمدىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ 7-سېنتەبىر (جۈمە) ئەمەلگەن ئاشۇرغان ئۈچ تەرەپ يىغىنىنىڭ خىتابنامىسىنى ھەمدە ئىدلىبنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن توپلاندى.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي: «رۇسىيە، ئىران ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى بىلەن كارى يوق، تۈركىيە ئۆتكەن ھەپتە بۇنى بىلدى، ئىدلىبتا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، بىراق رۇسىيە بىلەن ئىران تۈركىيەنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىدى» دېدى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسسىلي نېبېنزىيا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تېھران يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ۋاسسىلي نېبېنزىيا ئىدلىبتە ئونمىڭلارچە ئەل نۇسرا ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ پۈتكۈل سۈرىيە مىقياسىدا تېررورلۇقنىڭ قالدۇقلىرىنى تازىلاشتا ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ۋاسسىلي نېبېنزىيا سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن قىلىشتىن باشقا يولنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«سىياسىي ھەل قىلىشقا قارار قىلغان قوراللىق ئۆكتىچىلەرنى دەرھال تېررورىستلاردىن ئايرىشقا ئېھتىياجلىقمىز، بۇنى خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا چاقىرىق قىلىمىز.»

ئۇ ئۈچ كاپالەت بەرگۈچى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ب د ت نىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى دېمىستۇرا بىلەن ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جەنۋەدە قۇرۇش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېھران يىغىنىدا سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى، شەرت-شارائىتلارنىڭ بۇنىڭغا مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋاسسىلي نېبېنزىيا، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى يەتكۈزۈش، مىنالارنى تازىلاش ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەرنى قايتىدىن بىنا قىلىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى، بىراق غەربنىڭ مەزكۇر مەسىلىلەردە «سىياسىي ئويۇن» ئويناۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ۋاسسىلي نېبېنزىيا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كاپالەت بەردى. سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ قايتىشى ئۈچۈن تۈركىيە ۋە ئىران بىلەن خەلقئارالىق كونفېرانس ئۆتكۈزۈشنى پىلان قىلىۋاتىمىز.»

ۋاسسىلي نېبېنزىيا ئاخىرىدا، ئۈچ دۆلەتنىڭ كېيىنكى يىغىننى رۇسىيەدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر