ئەنگلىيە: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا پۈتۈنلەي قوشۇلىمىز

كارېن پىئېرس، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ۋال سىترىت جۇرنال گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا ئالاقىدار ماقالىسىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا پۈتۈنلەي قوشۇلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەنگلىيە: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا پۈتۈنلەي قوشۇلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كارېن پىئېرس، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ۋال سىترىت جۇرنال گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا ئالاقىدار ماقالىسىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا پۈتۈنلەي قوشۇلىمىز» دېدى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى رۇسىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ جۈمە كۈنى تېھراندا چاقىرغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ خۇلاسىسى ۋە ئىدلىبتىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇھاكىمە قىلىش مەقسىتىدە يىغىن چاقىردى.

ئەنگلىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كارېن پىئېرس يىغىندا سۆز قىلىپ، «ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلىشى ياكى تۈركىيەنىڭ تېررورچىلارنى پەرقلەندۈرۈپ ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىشىدىن ئىبارەت ئىككى ئىشتىن بىرىنى تاللىشىمىز كېرەك. تۈركىيەنىڭ ئىدلىبقا ئالاقىدار بىر پىلانى بار؛ <ئۆكتىچىلەر تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقاندا ھاكىمىيەت ئۇلارغا ھۇجۇم قىلمايدۇ> كېڭەش بۇ ھەقتە سۆزلىشىشى كېرەك» دېدى.

كارېن پىئېرس، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ۋال سىترىت جۇرنال گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا ئالاقىدار ماقالىسىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا پۈتۈنلەي قوشۇلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېيمۇ، رۇسىيە ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبتىكى ھۇجۇملىرىدا ۋارىل بومبىلىرى ۋە راكېتامىيوتلارنى ئىشلەتكەنلىىكنى، دوختۇرخانىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «شەپقەتسىزلەرچە قوش زەربىلىك ھۇجۇملارنى قىلماقتا؛ ھاكىمىيەت كۈچلىرى بىر رايوننى بومباردىمان قىلىدۇ، ئاندىن دەسلەپكى ياردەم بەرگۈچىلەر كەلگۈچە بىر ئاز كۈتۈپ تۇرۇپ، قايتا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ كەسپىي ئەسكەرلىك ئەمەس، كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان تېررورچى تاكتىكىسىدۇر» دېدى.

نىككى ھېلېي، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە تىنچلىق ئورنىتىش مەسىلىسىدە ۋاقتىنى زايا قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «رۇسىيە ۋە ئىران، سۈرىيەدە ئىجابىي ئاكتىيورلار سۈپىتىدە ئىشەنچلىكلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك پۇرسەتكە ئىگە ئىدى، بىراق، بۇ پۇرسەتلەرگە نېمە بولدى؟ ئۆزلىرى ھاسىل قىلغان ئاتالمىش توقۇنۇشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايون كېلىشىمىگە كۈلكىلىك ۋە سىستېمىلىق ھالدا خىلاپلىق قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھېلېي، رۇسىيەنىڭ ئىدلىبتىكى پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قۇربى يېتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىدلىبقا قىلىنىدىغان ھەرقانداق بىر ھۇجۇم جىددىيچىلىكنى ئۇلغايتىۋېتىدۇ. ئەسەد، رۇسىيە ۋە ئىران بۇ يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسا، ئاقىۋەت قورقۇنچلۇق بولىدۇ ۋە دۇنيا ئۇلارنى بۇنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر