سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىغا مۇناسىۋەتلىك جەنۋە يىغىنى ئاخىرلاشتى

ب د ت نىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستېفان دېمىستۇرا بىلەن كاپالەت بەرگۈچى دۆلەتلەر بولغان تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران مەسئۇللىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىي يىغىن ئاخىرلاشتى.

سۈرىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتىغا مۇناسىۋەتلىك جەنۋە يىغىنى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيەنىڭ پايتەختى جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا تۆت سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان يىغىندىن كېيىن، دېمىستۇرا ۋە يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى يىغىن توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.

دېمىستۇرانىڭ 18-سېنتەبىردە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە خىتاب قىلىپ، جەنۋە ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جەنۋەدە ئىككى كۈن بويىچە داۋاملاشقان يىغىنلاردا، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەدات ئۆنال باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، رۇسىيەگە ۋاكالىتەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندىر لوۋرېنتىيېۋ بىلەن رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ۋېرشىنىن باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، ئىرانغا ۋاكالىتەن ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن جابىرى ئەنسارى باشچىلىقىدىكى ھەيئەت قاتناشتى.

ب د ت سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى دېمىستۇرا جۈمە (14-سېنتەبىر) «كىچىك گۇرۇپپا» دەپ ئاتىغان مىسىر، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىيوردانىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ، كاپالەت بەرگۈچى دۆلەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىن توغرىسىدا مۇزاكىرە ئۆتكۈزىدۇ.

ئىيۇل ئېيىدا رۇسىيەدە ئكتكۈزۈلگەن سۈرىيە تېمىلىق كاپالەت بەرگۈچى دۆلەتلەر يىغىنىنىڭ خىتابنامىسىدە، ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىگەن ئىدى.

سۈرىيەدە يەتتە يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان ئىچكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ب د ت كۈنلۈكى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلار، ئۆتكۈنچى باسقۇچ، ئاساسىي قانۇن، سايلام ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىن ئىبارەت تۆت ئاساسىي تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر