كاتالونىيە خەلقى مۇستەقىللىق ئۈچۈن يىغىلدى

بارسېلونادا كاتالونىيە خەلقى كاتالونىيەنىڭ مىللىي بايرىمى «لا دىيادا» (La Diada)نى تەبرىكلەش ئۈچۈن يىغىلدى.

كاتالونىيە خەلقى مۇستەقىللىق ئۈچۈن يىغىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە تەخمىنەن 1 مىليون ئادەم، كاتالونىيەنىڭ مىللىي بايرىمى «لا دىيادا» (La Diada)نى تەبرىكلەش ئۈچۈن يىغىلدى.

كاتالونىيەنىڭ 1714-يىلى 11-سېنتەبىردە ئىسپانىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا كىرىشى خاتىرلەنگەن دىيادا كۈنى،  بۇ يىل مۇستەقىللىقنى ياقلىغۇچى كاتالونىيەلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن كۈنگە ئايلاندى.

تەبرىكلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان كاتالونىيە ئاپتونوم ھاكىمىيىتى باشلىقى كىيۇم توررا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى دېگەن بولسا، مەيدانلارغا يىغىلغان كاتالونىيەلىكلەر مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلىپ شوئارلار توۋلاشتى.

شەھەردىكى ئەڭ چوڭ كوچا بولغان دىياگونالدا 6 يېرىم كىلومېتىر ئۆچرەت شەكىللەندۈرگەن كاتالونىيەلىكلەر، «كاتالونىيە جۇمھۇرىيىتى»دېگەن خەت يېزىلغان مايكىلارنى كىيىشتى.

ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى ۋە تىلى بولغان كاتالونىيە، مۇستەبىت فىرانكىسكو فىرانكو ئۆلۈپ 3 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 1978-يىلى تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن دائىرىسىدە ئاپتونوم رايونلۇق سالاھيىتىگە ئىگە بولدى، 2006-يىلغا كەلگەندە قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ تېخىمۇ كۆپ ھوقۇققا ئېرىشتى.

ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى 2010-يىلى ئىسپانچە ئورنىغا كاتالونچىغا ئەھمىيەت بېرىشنى ۋە كاتالونىيەلىكلەرنى مىللەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن ماددىسىنى بىكار قىلىشى نەتىجىسىدە، مۇستەقىللىق تالاش-تارتىشلىرى كەسكىنلەشتى.

1-ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئېلان قىلىنغان مۇستەقىللىق راي سىناش پائالىيىتىدىن كېيىن، كاتالونىيە پارلامېنتى 27-ئۆكتەبىردە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا قارىتا ئىسپانىيە مەركىزى ھۆكۈمەت كاتالونىيە ھۆكۈمىتىنى تارقىتىۋېتىپ كاتالونىيەنى بىۋاستە باشقۇرۇشقا باشلىدى، ئىسپانىيە سوت مەھكىمىلىرى بولسا بەزى كاتالونىيە ھۆكۈمىتىنى قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى.

بۇلتۇر 21-دېكابىردا ئۆتكۈزۈلگەن بالدۇر سايلامدا مۇستەقىللىقنى ياقلايدىغان پارتىيەلەر ئۇتۇپ چىقىپ مۇستەقىللىق نىشانى بىلەن ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر