خىتاي بىلەن رۇسىيە قەرەللىك ھالدا ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كېلىشتى

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې ئىككى دۆلەتنىڭ قەرەللىك ھالدا ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

خىتاي بىلەن رۇسىيە قەرەللىك ھالدا ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ قەرەللىك ھالدا ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كېلىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

تاس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇنىڭ خىتاي مەنسەبدېشى ۋېي فېڭخې بىلەن «ۋوستوك-2018»  ناملىق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن تىسۇگو ھەربىي مەشق مەيدانىدا كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

مىنىستىر شويگۇ « ۋوستوك-2018»ناملىق ھەربىي مانېۋىر دائىرىسىدە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: بىز بۇنىڭدىن كېيىن قەرەللىك ھالدا ئورتاق ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدۇق، دېدى.

فېڭخېمۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

رۇسىيە فېدراتسىيەسى تارىخىدا ئەڭ كۆپ ھەربىي خادىم قاتناشقان « ۋوستوك-2018 » ناملىق بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرغا، 300مىڭغا يېقىن ئەسكەر، مىڭدىن ئارتۇق ئايروپىلان، تىكئۇچار، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، 35مىڭغا يېقىن تانكا، ھەربىي ئاپتوموبىل بىلەن 80گە يېقىن ھەربىي پاراخوت قاتناشتۇرۇلدى.

بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرغا خىتاي ۋە موڭغۇلىيە ئەسكەرلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر