گۇتېررېس تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننى «تىرىشچانلىقلار» نى بىكار قىلىۋەتمەسلىككە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننى ئىدلىبتا ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پۇقرالارنىڭ قوغدىلىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ھېچبىر خىزمەتنى بىكار قىلىۋەتمەسلىككە چاقىردى.

گۇتېررېس تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننى «تىرىشچانلىقلار» نى بىكار قىلىۋەتمەسلىككە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس ب د ت مەركىزىي بىناسىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئىدلىبتىكى ناھايىتى كۆپ نەرسىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، قانغا مىلەنگەن سۈرىيەدە كەڭ دائىرىلىك بىر ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلانمىغان تەقدىردە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قەتئىي كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىنسانىي پاجىئەنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئىدلىبتا ياشايدىغان 3 مىليون ئەتراپىدىكى كىشىنىڭ يېرىمىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن يۇرت – ماكانلىرىدىن مەھرۇن قىلىنغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن گۇتېررېس، «تۇرمۇشلىرى ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كەتتى، ئۇلارنىڭ كېتىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق» دېدى.

ئۇ، ئىدلىبنىڭ سۈرىيەدىكى ئاخىرقى توقۇنۇشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايون ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەرنىڭ قان كۆلچىكىگە ئايلاندۇرۇلماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

گۇتېررېس، ئىدلىبتىكى مەۋجۇت ھالەتنىڭ داۋاملىشىش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى شۇنداقلا تېررورچىلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىگىمۇ يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش جەريانىدا خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ئەستىن چىقىرىلماسلىقى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

سۈرىيە كىرىزىسىغا سىياسىي چارە تېپىلىشى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى پۇرسەت تاپسىلا تەكرارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن گۇتېررېس، «يەتكۈدەك ئازاب تارتقان بۇ كىشىلەرنى قوغداش ئورتاق مەجبۇرىيىتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر