ئاقساراي: ترامپ بىلەن كىمنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا دائىر تەييارلىقلار داۋاملىشىۋاتىدۇ

ئاقساراي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئىككىنچى بىر باشلىقلار يىغىنى چاقىرىشىغا ئالاقىدار بىر پىلاننى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي: ترامپ بىلەن كىمنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا دائىر تەييارلىقلار داۋاملىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس، ترامپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە مۇخبىرلارغا دېگەن <شىمالىي كورېيە لىدىرىدىن كۈتۈۋاتقان مەكتۇپ> نى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، مەكتۇپنىڭ «ناھايىتى قىزغىن ۋە ئىجابىي» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كىم جوڭئۇن جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىنىشىغا قوشۇلغان تەقدىردە، ئاقساراينىڭ مەكتۇپنىڭ تەپسىلاتىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ساندېرس، «مەكتۇپنىڭ ئاساسلىق نىشانى، نۆۋەتتە بىز ئورۇنلاشتۇرۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان پىرېزىدېنت بىلەن ئىككىنچى قېتىم ئۇچرىشىش تەلىپىدە بولۇشتىن ئىبارەت» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتچى ساندېرس، شىمالىي كورېيەدە ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇرىيەت بايرىمى توغرىسىدىمۇ توختىلىپ، ئاساسلىقى پۇقرالار ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەنگەن تەبرىكلەشلەرنىڭمۇ «ياخشى نىيەتنىڭ كۆرسەتكۈچى» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئاقساراي باياناتچىسى، ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە سىياسىتىدە «پەۋقۇلئاددە ئۈنۈم» ھاسىل قىلغانلىقىنى، مەكتۇپنىڭ مۇناسىۋەتلەرنىڭ گۈللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر پاكىت، ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

شىمالىي كورېيەدە ئۆتكەن يىللاردا جۇمھۇرىيەت بايرىمىدا ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە ھەربىي كۈچ نامايان قىلىناتتى. بۇ يىلقى مۇراسىمغا بىر قانچە تانكىدىن باشقا پەقەت ئۆلچەملىك ماڭغان ئەسكەرلەرنىڭ قاتنىشىشى، ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا باتارىيەلىرىنىڭ ئورۇن ئالماسلىقى دىققەتنى تارتتى.

ترامپ بىلەن كىم، 12 – ئىيۇندا سىنگاپوردا كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى توغىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى، بىراق ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى ھەپتىلەردە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىپلوماتىك ئاتموسفېرا بۇزۇلۇشقا باشلىغان، ئامېرىكا تەرەپ شىمالىي كورېيەنى يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدا 1953 – يىلى ئىمزالانغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمى سايىسىدا ئۇرۇش ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىر تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇش ئەمەلىي نۇقتىدىن ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ، دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر