سەئۇدى ئەرەبىستان مەلىكىسى زىبۇ - زىننەتلىرىنى ئوغرىغا بەردى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى بىر ئالىي مېھمان سارايدا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھ ئائىلىسىدىن بىر مەلىكىنىڭ 800 مىڭ ياۋرولۇق زىبۇ – زىننەتلىرى ئوغرىلاپ كېتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان مەلىكىسى زىبۇ - زىننەتلىرىنى ئوغرىغا بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ «France Bleu» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئوغرىلىق ۋەقەسىنىڭ جۈمە كۈنى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەرەدە پايتەخت پارىژنىڭ ۋېندوم مەيدانىدىكى ئالىي مېھمان سارايغا چۈشكەن ۋە ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان سەئۇدى ئەرەبىستان مەلىكىسىنىڭ 800 مىڭ ياۋرولۇق زىبۇ زىننەتلىرىنىڭ ئوغرىلاپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەنلدىن كېيىن، دەرھال دېلو مەلۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

زىبۇ زىننەتنىڭ بىخەتەرلىك ساندۇقىدا ساقلانمىغانلىقى، ياتاقتا بىرەر ئىشىكنىڭ زورلاپ ئېچىلغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق ئىزنىڭمۇ بايقالمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

مەزكۇر ئالىي مېھمانخانىنىڭ زىبۇ زىننەت سېتىش ماگزىنىدا بۇ يىل دېكابىردا يۈز بەرگەن پالتا بىلەن ئوغرىلىق قىلىش ۋەقەسىدە، 4 مىليون ياۋرولۇق زىبۇ زىننەت ئوغرىلاپ كېتىلگەن ئىدى.

ماسكا تاقىۋالغان 5 كىشى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان زىبۇ - زىننەت ئوغرىلاش جىنايىتىدىن كېيىن، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە جىنايەتچىلەردىن 3 كىشى تۇتۇلغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر