پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ كۆرۈشتى

رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرق ئىقتىسادىي مۇنبىرى دائىرىسىدە ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ كۆرۈشتى.

پۇتىن بىلەن شى جىنپىڭ كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خىتاي بىلەن بولغان سودىدا مىللىي پۇللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۇتىن رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرق ئىقتىسادىي مۇنبىرى دائىرىسىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ۋىلادىمىر پۇتىن، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا سوممىسىنىڭ بۇلتۇر %30 ئېشىپ 50 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە سودا سوممىمىزنىڭ 100 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، دېدى.  

ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىدا مىللىي پۇللارنىڭ ئىشلىتىلىشى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان پۇتىن مۇنداق دېدى: «رۇسىيە بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودىدا مىللىي پۇللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قوللايدۇ. سودىدا مىللىي پۇللار ئىشلىتىلسە بانكىچىلىق سىستېمىلىرىمۇ ساغلام بولىدۇ. »

كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدىمۇ توختالغان پۇتىن، رۇسىيە-خىتاي يول خەرىتىسىگە مۇۋاپىق ھالدا كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللاردىن ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيە ھاكىمىيەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان پۇتىن: شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى نورماللاشقان تەقدىردە كورېيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنمەن، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر