كۇۋەيتتە كەڭ دائىرىلىك ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقلىرى ھەربىي ئىشلار يىغىنى چاقىرىلدى

پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر، مىسىر، ئىيوردانىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارمىيەلىرى باش ئىشتاب باشلىقلىرى كۇۋەيتتە ھەربىي ئىشلار يىغىنى چاقىردى.

كۇۋەيتتە كەڭ دائىرىلىك ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقلىرى ھەربىي ئىشلار يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئارمىيەسى باياناتچىسى پولكوۋنىك تامىر ئەررىفائى، يىغىن باشلىغاندىن كېيىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مىسر ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى لېيتىنانت گېنېرال مۇھەممەد فەرىدنىڭ، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى، ئىيوردانىيە ۋە ئامېرىكا ئارمىيەلىرى باش ئىشتاب باشلىقلىرىمۇ قاتنىشىدىغان بىر ھەربىي ئىشلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن كۇۋەيتكە كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتچى رىفائى، كۇۋەيت ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن چاقىرىلغان يىغىندا، مەزكۇر دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقلار ۋە ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مەۋجۇت خەۋپلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىچىدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان، بەھرەيىن ۋە قاتار ئارمىيەلىرى باش ئىشتاب باشلىقلىرى، ئورتاق مۇداپىئە ۋە ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۈنۈگۈن كۇۋەيتتە يىغىن چاقىرغانىدى. مەزكۇر يىغىن، 2017 – يىلى باش كۆتۈرگەن پارىس قولتۇقى كىرىزىسىدىن كېيىن قاتار ئىشتىراك قىلغان تۇنجى ھەربىي ئىشلار يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن ۋە مىسىر دائىرىلىرىنىڭ 2017 – يىلى 5 – ئىيۇندا قاتار بىلەن بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇھاسىرىگە ئېلىشى پارىس قولتۇقى رايونىدا كىرىزىس پەيدا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر