خىتاي يەنە بىر ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى

خىتاي ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن سالۋادور بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.

1035818
خىتاي يەنە بىر ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىن سالۋادور بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن سالۋادور تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارلوس كاستانېدانىڭ بېيجىڭدىكى دۆلەت مېھمانسارىيىدا كۆرۈشكەندە ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى بىردەك قارار قىلىپ ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتابنامىدە ختىاي بىلەن سالۋادورنىڭ بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلىپ ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە مۇۋاپىق ھالدا ئەلچىلىك سەۋىيەسىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلغانلىقلىرى قەيت قىلىندى.

ئىككى دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە ئىگىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىق ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىغا ئاساسەن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل  قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

« سالۋادور دۇنيادا پەقەت بىرلا خىتاي دۆلىتى بارلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ، تەيۋەن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر»دېگەن ئىبارىگە ئورۇن ئاجرىتىلغان خىتابنامىدە، خىتاينىڭ سالۋادور ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

بۇنىڭدىن سىرت، تەيۋەن مەركەز خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،  تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سالۋادور بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ دىپلوماتىك ئورۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىغان.

سالۋادور ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەن دائىرلىرىدىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى، بىراق تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەلەپنى رەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. تەيۋەن ھۆكۈمىتى مالىيە ياردىمى دىپلوماتىيەسى ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن پۇل رىقابىتىگە كىرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  

ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى ھېسابلىنىدىغان  سالۋادور تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغان 5-دۆلەت بولدى. نەتىجىدە تەيۋەننى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتنىڭ سانى 17 گە چۈشۈپ قالدى. تەيۋەن بىلەن ھازىرغىچە بىركىنا فاسو، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى، ساۋ توم ۋە پىرىنسىپې ۋە پاناما قاتارلىق دۆلەتلەر دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ بولدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «بىر خىتاي»پىرىنسىپىنى قوبۇل  قىلغاچقا خىتايغا خەلقئارادا پەقەت ئۆزىنىڭلا ۋەكىللىك قىلالايدىغانلىقىنى ياقلاپ كەلمەكتە ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان تەقدىردە تەيۋەنگە كۈچ ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ختىايدا 1949-يىلى ماۋ زېدۇڭنىڭ ھاكمىيەتكە كېلىشى بىلەن بەزى ھۆكۈمەت ئەزالىرى تەيۋەنگە قېچىپ ئارالدا مۇستەقىللىق جاكارلاپ تەيۋەننى قۇرۇپ چىققان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر